تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

سائەت 20! بۇ يەرنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشى باشلاندى

11-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋەندا مەيدانىدا تاۋارلارنى تاللاپ سېتىۋالماقتا.

11-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە، ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سۆيۈملۈك شىنجاڭ · يىپەك يولى زىياپەت رېستورانىدا، مېھمانلار شىنجاڭنىڭ خاس تائاملىرىنى تېتىماقتا.

 11-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە، شەھەر ئاھالىلىرى ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋەندا مەيدانىدىكى باۋفېڭ شەھەرچىسى كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىدە ئوقيا ئېتىشنى مەشىق قىلماقتا.
سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) «كەچتە سۆيۈملۈك شىنجاڭ · يىپەك يولى زىياپەت رېستورانىغا بېرىپ كاۋاپ يەپ، پىۋا ئىچىپ كېلەيلى-ھە!» 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئىشتىن چۈشۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ليۇ مىڭ دوستىغا تېلېفون قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىنادىن چۈشۈۋاتقان خىزمەتدىشى چىن فاڭ بۇنى ئاڭلاپ ھاياجانلانغان ھالدا: «بىللە بارايلى، مەنمۇ كەچتە بىرسى بىلەن كۆرۈشمەكچىدىم» دېدى.

  رەڭگارەڭ چىراغلار چاقنىدى، خىزمەت ۋاقتى ئاخىرلاشتى، ئۈرۈمچىلىكلەرگە تەۋە رەڭدار كېچىلىك تۇرمۇش باشلاندى.

  11-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 20دە، شەھەر ئاھالىسى جاڭ جياچياڭ خوتۇنى بىلەن بىللە ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ۋەندا مەيدانىغا كېلىپ مال سېتىۋېلىپ ۋە ئايلىنىپ چارچاپ قالغاندا، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى بىر تاماقخانىغا كىردى. «بىز ئاۋۋال تاماق يەپ، ئاندىن ۋەندا كىنو شەھەرچىسىگە بېرىپ، يېڭى فىلىم <ئىشىك قۇلۇپى>نى كۆرەيلى». جاڭ جياچياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ خوتۇنىغا شۇنداق دېدى: «بۇ يەرگە كېلىپ كېچىلىك تۇرمۇشنى ھېس قىلىپ، تازا خۇش بولدىڭىزمۇ؟»

  سائەت 20دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ۋەندا مەيدانىنىڭ 3-قەۋىتىدىكى باۋفېڭ شەھەرچىسى كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىگە ئارىلاپ-ئارىلاپ خېرىدارلار كىرىپ تۇراتتى. بۇ يەرنىڭ خىزمەتچىسى بۇ يەرگە كىرگەن خېرىدارلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى بىردىن-بىردىن ئۆلچىدى ھەم ئۇلارغا ماسكىنى ياخشى تاقاشنى سەمىمىي ئەسكەرتتى.

  «تىجارەت ۋاقتى ئۇزارتىلغاندىن كېيىن، خېرىدارلار بىرقەدەر كۆپ بولۇۋاتىدۇ، تىجارەت سوممىمىزمۇ %20 ئەتراپىدا ئاشتى». بۇ مەركەزنىڭ باش دىرېكتورى گاۋ دۇڭ شۇنداق دېدى: كۆڭۈل ئېچىش مەركىزىمىزنى ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم دىزېنفېكسىيەلەپ، خېرىدارلارنى بىخەتەر، ئازادە كۆڭۈل ئېچىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىۋاتىمىز.

  باۋفېڭ شەھەرچىسى كۆڭۈل ئېچىش مەركىزى مەخپىي ئۆيدىن قېچىش، ئۈستەل ئويۇنى، بىليارت، فېيبياۋ، KTV قاتارلىق تۈرلەر بار بولغان، كىشىنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى. كارخانا خىزمەتچىسى سۈن ماۋۋېي ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن دوستىنى بۇ يەرگە كېلىپ بىليارت ئويناشقا تەكلىپ قىلدى. «بىليارت ئويناپ بولغاندىن كېيىن، بىز يەنە فېيبياۋ ئوينىغىلى بارىمىز. بىر كۈن ئىشلىدۇق، بۇ يەرگە ئارام ئېلىش ئۈچۈن كەلدۇق». سۈن ماۋۋېي خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى: كېچىلىك ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېچىلىك بازارنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كېچىلىك ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  سائەت 22دىن ئاشقاندا، شېڭدا مەيدانىنىڭ 4-قەۋىتىدىكى سۆيۈملۈك شىنجاڭ · يىپەك يولى زىياپەت رېستورانىدا، تاماق يەتكۈزگۈچى لو خەيلۇڭ تەڭپۇڭ چاققا دەسسەپ مېھمانلارغا قورۇما يەتكۈزۈۋاتاتتى. «ھەر كۈنى تاماق يېگىلى كېلىدىغان مېھمانلار ناھايىتى كۆپ، مەن تېز سۈرئەتتە قورۇمىلارنى مېھمانلارنىڭ ئۈستىلىگە ئېلىپ چىقىشىم كېرەك» دېدى لو خەيلۇڭ.

  شەھەر ئاھالىسى چېن دېخەي بىرنەچچە دوستىنى بۇ يەرگە كېلىپ شىنجاڭنىڭ ئېسىل تائاملىرىنى تېتىپ بېقىشقا، شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرىدىن ھۇزۇرلىنىشقا تەكلىپ قىلدى. «ئۈرۈمچىنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشى بارغانسېرى رەڭدارلاشماقتا» دېدى چېن دېخەي.

  «رېستورانىمىزدا 160 نەچچە خىل قورۇما بار، ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ خاس قورۇمىلىرىنى چىقىرىمىز، سودىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، بىز يېقىندا بىر قاتار مودا قورۇمىلارنى بازارغا سېلىپ، تېخىمۇ كۆپ ياش ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلماقچى». «سۆيۈملۈك شىنجاڭ · يىپەك يولى زىياپىتى رېستورانىنىڭ باش دىرېكتورى سۇڭ چاڭجۈن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن شۇنداق دېدى: بىز ھەر كۈنى تاڭ سەھەرگىچە تىجارەت قىلىمىز، يېقىندا كۈندىلىك تىجارەت سوممىمىز ئىلگىرىكىدىن %50 ئاشتى.

  ئۈرۈمچى ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) سودا ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى دۇڭ شيۇجۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېچىلىك ئىقتىساد شەھەر ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى دەپ قارالدى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كېچىلىك ئىقتىساد كەسىپ ھالىتى بارغانسېرى موللاشتى. رايونىمىز كېچىدىكى تۈرلۈك ئىستېمال توپلاشقان رايونلارغا تايىنىپ، ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىغا ماس كېلىدىغان زامانىۋى كېچىلىك ئىقتىسادنى بەرپا قىلىپ، كېچىلىك تۇرمۇش دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، سۈپىتىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى