شىنجاڭدىن 67 يەسلى تىزىملىككە كىردى
شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2-تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە پۇتبول ئۆزگىچە يەسلىلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش سىناق نۇقتا تۈرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن جەمئىي 67 يەسلى بۇ تىزىملىككە كىردى.
2020-يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپلەردە پۇتبولنى ئومۇملاشتۇرۇشتا مۇھىم نۇقتىنى تۆۋەنگە قارىتىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قىزىقىش يېتىلدۈرۈشنى ئاساس قىلغان پۇتبول ئاقارتىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە پۇتبول ئۆزگىچە يەسلىلىرى ئۈلگە كۆرسىتىش سىناق نۇقتا تۈرى خىزمىتىنى باشلىغان بولۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە شىنجاڭدىن جەمئىي 126 يەسلى تاللانغان. مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تاللانغان يەسلىلەر بالىلار پۇتبولچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بالىلارنىڭ تەنتەربىيە چېنىقىشى جەريانىدا خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشى، تەن ساپاسىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى ھەمدە قەتئىي ھالدا مەملىكەت بويىچە پۇتبول ئۆزگىچە يەسلى سىستېما سۇپىسىدىكى دەرسلىكتە تەمىنلەنگەن ئوقۇتۇش سىستېمىسى تەلىپى بويىچە، مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇشى زۆرۈر. جۇڭگو پۇتبولچىلار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى 20 مىڭ يۈەن نىشانلىق ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى بېرىدۇ، بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش يەسلىلىرىدە نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.