تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە قۇشلار سايرىدى قۇشلارنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى»گە شىمالىي قۇتۇپتىن كەلگەن ئەتىۋارلىق مېھمان قوشۇلدى

ئاق قوتان قومۇل دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ماكانلاشتى (11-ئاينىڭ 22-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

داۋۇت رىشات فوتوسى

قىزىل بوغۇز چۆمگەك باغراش كۆلى ئەتراپىدىكى دەريادا سۇ ئوينىماقتا (11-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

ليۇ جېچىڭ فوتوسى

سۇ قۇشلىرى ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە (11-ئاينىڭ 18-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

خې لۇڭ فوتوسى

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مېي خەۋەر قىلىدۇ) شىنجاڭدىكى قۇشلارنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى»گە يېڭىدىن بىر ھەمراھ قوشۇلدى  11-ئاينىڭ 14-كۈنى، شىمالىي قۇتۇپتىكى تەييۈەن ئەتراپىدىن كەلگەن بىر قىزىل بوغۇز چۆمگەك باغراش كۆلى ئەتراپىدىكى دەريادا تۇيۇقسىز پەيدا بولدى.

    شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، قۇش ھەۋەسكارى ليۇ جېچىڭ باغراش كۆلى ئەتراپىدا قۇشلارنى سۈرەتكە تارتىۋاتقاندا، كۆل ئەتراپىدىكى دەريادا ئۇچىسىغا قارامتۇل كۈل رەڭلىك ئالابالداق «كىيىم» كىيىۋالغان ئاز ئۇچرايدىغان بىر سۇ قۇشىنى تاسادىپىي بايقاپ قالغان. «ئۇ دەريادا ئۆزى يالغۇز ئۈزۈپ يۈرگەنىكەن، تاشقى قىياپىتى پىتى قۇشىغا ئوخشاپمۇ قالىدىكەن، تۇمشۇقى ئۇچلۇق، ئىنچىكە، بويۇن، قورساق قىسمى ئاقۇچ كۈل رەڭدە، دۈمبىسى ۋە قاناتلىرى ئالابالداق، قارامتۇل كۈل رەڭدە بولۇپ، شىمالىي قۇتۇپ ئەتراپىدىن كەلگەن قىزىل بوغۇز چۆمگەككە ئوخشاپ كېتىدىكەن.» ئون نەچچە يىللىق قۇشلارنى كۆزىتىش تەجرىبىسىگە ئىگە ليۇ جېچىڭنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل قۇش سۇغا شۇڭغۇشقا ماھىر ئىكەن، پات-پات چوڭقۇر سۇغا شۇڭغۇپ ئوزۇق ئىزدەيدىكەن، بەزىدە سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىپ قاناتلىرىنى قاقىدىكەن. ئۇ قەلبىدىكى خۇشاللىقىنى تەستە بېسىپ، دەرياغا ئاستا-ئاستا يېقىنلىشىپ، سۈرەتكە تارتقان.

11-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىر ليۇ جېچىڭ تارتقان سۈرەتلەرنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ما مىڭغا ئەۋەتىپ بەرگەن. ما مىڭ كەسپىي ماتېرىياللارنى ئاختۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن، بۇ قۇشنىڭ ھەقىقەتەن قىزىل بوغۇز چۆمگەك ئىكەنلىكىنى، بۇ شىنجاڭدىكى قۇش تۈرلىرىنىڭ يېڭى دوستى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

    «قىزىل بوغۇز چۆمگەك شىمالىي قۇتۇپتىكى تەييۈەن ئەتراپىدا ياشايدۇ، كۆپىيىدۇ، دېڭىز بويى ئەتراپىدا قىشلايدۇ. بۇ قېتىم ئۇنىڭ باغراش كۆلىدە پەيدا بولۇشى، بۇ بىر تاسادىپىيلىق بولۇپ، كۆچۈش جەريانىدا ئېزىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.» ما مىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قىزىل بوغۇز چۆمگەك چۆمگەك قۇشلار ئائىلىسىدىكى چوڭ تىپتىكى سۇ قۇشى بولۇپ، كۆپىيىش ۋاقتى 5-ئايدىن 8-ئايغىچە بولىدىكەن، تاتلىق سۇ رايونىدا كۆپىيىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، سۇدا ئۈزۈش ۋە سۇغا شۇڭغۇشقا ماھىر ئىكەن، سۇدا كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تايىنىپ ئوزۇق ئىزدەيدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، قىزىل بوغۇز چۆمگەك دۆلەت ئىچىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان قۇش تۈرىگە تەۋە بولۇپ، جۇڭگو «دۆلەت قوغدايدىغان پايدىلىق بولغان ياكى مۇھىم ئىقتىسادىي، ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ياۋايى ھايۋانلار تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.