ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار رېن جياڭ، ھەبىبە خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرلارنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل قىش پەسلىدە، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرى 1500 تۈرگە يېقىن مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت ئوزۇقى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.
بۇ 1500 تۈرلۈك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، ساياھەت پائالىيىتى بۇ يىل 11-ئايدىن كېلەر يىلى 4-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ، پائالىيەتنىڭ كۆلەملىك داغدۇغىسى چوڭ، جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىش دائىرىسى كەڭ، ساياھەت مەزمۇنى مول، رەڭدار. پائالىيەت تەنتەربىيە تۈرى، مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرگەزمە ئويۇنى تۈرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى − مۇزېي تۈرى (مۇزېي يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى)، ئاممىۋى مەدەنىيەت تۈرى (ئاممىۋى كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى)، ساياھەت تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
قىزغىن، خۇشال-خورام، ئىناق كەيپىيات يارىتىش ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار يەنە تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويىدۇ، نۇرغۇن مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىسى ھەم مۇزېي، كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى، خەتتاتلىق-رەسساملىق يۇرتى قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت مەيدان-سارايلىرى ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى يەنە شىنجاڭنىڭ 2021-، 2022-يىللىق قىشلىق ساياھەت سەرخىل لىنىيەسىنى يولغا قويىدۇ، بۇ، ئۈرۈمچى شەھىرى−تىيانشان بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى−جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى−گۇچۇڭ ناھىيەسى جامبۇلاق مەنزىرە رايونى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى−قەشقەر ئىپارخان باغچىسى مەنزىرە رايونى−قاراكۆل−پامىر ساياھەت رايونى−پەنلۇڭ قەدىمىي يولى قاتارلىق 25 قىشلىق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش ساياھىتى لىنىيەسى، ئۈرۈمچى شەھىرى−يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونى−ئۈرۈمچى ناھىيەسى شۇيشىگۇ بازىرى شيەنلەي كىچىك بازىرى−ئۈرۈمچى تىيانشان چوڭ جىلغىسى مەنزىرە رايونى، ئالتاي شەھىرى قېيىن ئورمان باغچىسى−ئالتاي ۋۇبەيلى . ئۆرپ-ئادەت كوچىسى−جياڭجۈن تېغى خەلقئارا قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى قاتارلىق 10 قىشلىق قار-مۇز ساياھىتى لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.