تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارغا يېڭىدىن قوشۇلغان «ئەپەندىم شادلىق باغچىسى»

11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئەپەندىم خوتەن كاۋاپ شادلىق باغچىسىدا، ئارتىسلار ساياھەتچىلەرگە ئىجادىي تىياتىر «ئەپەندىم»نى ئورۇنلاپ بەرمەكتە.

تىيانشان تورى -شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلار ۋاڭ چىمىڭ، سۈن فاڭتىڭ فوتوسى، خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 19-كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ساياھەت رايونىغا توردا ئالقىشلانغان، جەزمەن بارىدىغان نۇقتىدىن بىرى يېڭىدىن قوشۇلدى، ئەپەندىم بالىلار چۆچىكىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ قۇرۇلغان ئەپەندىم خوتەن كاۋاپ شادلىق باغچىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئەپەندىم شادلىق باغچىسى دېيىلىدۇ) رەسمىي ھالدا مېھمانلارغا ئېچىۋېتىلدى. ئەپەندىم شادلىق باغچىسىنى شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى مەدەنىيەت-ساياھەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 100 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىپ ئورتاق قۇرغان.

ئەپەندىم شادلىق باغچىسىدا خاس مال سېتىۋېلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەدەنىيەت ئىجادىيىتى، خاس مەززىلىك تائاملار، ئىستىراھەت ئويۇنى قويۇش بىر گەۋدە قىلىنغان بولۇپ، تەخمىنەن 4000 كىۋادرات مېتر كېلىدىغان بىر كورپۇس بىنا ئىچى «بىر تىياتىرخانا، بىر زىياپەتخانا، بىر بازار» بويىچە بەرپا قىلىنغان.

ئەپەندىم شادلىق باغچىسىدا يېزا-قىشلاقلاردىكى روجەكلىك ھويلا تېمى، چۈنچە، ئاۋات بازار، ئالتۇن رەڭلىك توغراق ئاستىدا بەخىرامان ئوتلاۋاتقان قويلار بار... بۇ يەردە، ساياھەتچىلەر يەنە ئىجادىي تىياتىر نومۇرى «ئەپەندىم»دىن: ئەپەندىمنىڭ ئەقىللىق، يۇمۇرىستىكلىكىدىن، ئېشىكىنىڭ قىزىقارلىق ھەرىكەتلىرىدىن، باي غوجامنىڭ ئاچكۆز، ساختىپەزلىكىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ، نەق مەيداندىكى ئويۇن تاماشىبىنلارنى بولۇپمۇ كىچىك دوستلارنى خۇشالىققا چۆمدۈرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ساياھەت رايونى پىيادىلەر كوچىسى تىپىك IP ئەپەندىم قاتارلىق مەدەنىيەت-ساياھەت يېڭى تۈرىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئۈزلۈكسىز سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە يېڭىچە تۇيغۇلارنى ھېس قىلدۇردى.

  11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئەپەندىم خوتەن كاۋاپ شادلىق باغچىسىدا ئورۇنلىنىۋاتقان «ئەپەندىم» نومۇرىدا، پىخسىق باي غوجام مۇلازىمەتچىگە خېرىدارغا ئەكەلگەن پولۇدىكى گۆشنىڭ جىق بولۇپ كەتكەنلىكىدىن كايىماقتا.

11-ئاينىڭ 19-كۈنى، ساياھەتچى ئەپەندىم خوتەن كاۋاپ شادلىق باغچىسىدا «توغراق»تىن ھۇزۇرلانماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى