تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى توغرىسىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى 2022 - يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بېيجىڭدا ئېچىشنى قارار قىلدى. يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. ئارقىدىنلا مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يىغىن ئېچىپ، 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

سوئال: 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى پات يېقىندا قانات يايدۇرۇلىدۇ، سىز بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆزلەپ باقسىڭىز؟

جاۋاب: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە كىرگەن مۇھىم پەيتتە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش. 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى ياخشى سايلاش 20 - قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىشتا ئىنتايىن مۇھىم.

بىرىنچى، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش 20 - قۇرۇلتاينى ئوڭۇشلۇق ئېچىش، قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. پارتىيە نىزامنامىسىدە مۇنداق بەلگىلەنگەن: پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە ئۇ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن مەركىزىي كومىتېت پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى. پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى، كۈرەش نىشانى، ھەرىكەت پىروگراممىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى سايلاشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. 20 - قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىللىرى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىن قايتا - قايتا ئىنچىكە تاللاپ چىقىلغان مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دەرىجىمۇدەرىجە تاللاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەردىن بولۇشى كېرەك، ئۇلار 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، مۇقەددەس ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ. قۇرۇلتاي مەزگىلىدە، ۋەكىللەر مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى تەكشۈرىدۇ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ پىكىر ۋە تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىدۇ، پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ھەم قارار قىلىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلايدۇ. ۋەكىللەرنىڭ ساپاسى، ئىقتىدارى، ئىستىلىنىڭ قانداق بولۇشى كېڭىشىپ تەدبىر بەلگىلەش سۈپىتىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، قۇرۇلتاي كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى ياخشى سايلاپ، قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا، ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك.

ئىككىنچى، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇشنى جەزمەن پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى باشقۇرۇشتىن باشلىشى، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى جەزمەن پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشتىن باشلىشى كېرەك. 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پىرىنسىپىغا ئاساسەن، دېموكراتىيە ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا قاتنىشىشىنىڭ مۇھىم يولى ۋە شەكلى. ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش، نامزاتلىققا كۆرسىتىش، يىغىندا سايلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ۋەكىللەرنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش جەريانىنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسى ۋە پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى، پارتىيە تارىخى تەربىيەسى جەريانىغا ئايلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى تەربىيەسى جەريانىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۇلۇغلاپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە رىئايە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتىن تاۋلىنىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىشقا بەرداشلىق بېرىپ، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىنى چىڭ ساقلاپ، ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا يېتەكلەش كېرەك.

ئۈچىنچى، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيەنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا ياخشى مېڭىشتىكى كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان سۆزىدە: ھازىر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى ئىمتىھانغا بېرىش يولىغا يەنە ئاتلاندى دەپ كۆرسىتىپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى «توققۇز جەزمەن» تۈپ تەلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن پارتىيە تارىخىي تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەتئىيلىك بىلەن بەلگىلەنگەن نىشاننى جاسارەت بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە ۋاز كەچمەيدىغان سەگەكلىك بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە، ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىللەش، قوزغىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ۋەكىللەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغىتىشقا، ئىدىيەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، نۆۋەتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە مەركەزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە كۈرەش قىلىش، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەشكە پايدىلىق.

سوئال: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي يوليورۇقىنىڭ روھى قايسىلار، بۇ ھەقتە سۆزلەپ باقسىڭىز؟

جاۋاب: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم دوكلات ئاڭلىدى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېت يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «ئۇقتۇرۇش»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاپ، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ مىزان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سالاھىيەت شەرتىنى چىڭىتىپ، ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش تەرتىپىنى پۇختىلاپ، سايلام ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سايلاپ چىقىلغان 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ ساپاسىنىڭ ياخشى، قۇرۇلمىسىنىڭ مۇۋاپىق، تارقىلىشىنىڭ كەڭ، پارتىيە ئەزالىرى ھىمايە قىلىدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە «ئۇقتۇرۇش»نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپ گەۋدىلىك تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. بايرىقى روشەن، مەردانە ھالدا پارتىيەنىڭ ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، نامزات كۆرسىتىش، تەشكىل تەكشۈرۈش، نامزاتنى بېكىتىش، يىغىندا سايلاش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلارنىڭ ھەممىسىدە پارتىيە تەشكىلىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى ھەقىقىي تۈردە جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاش كېرەك. نامزاتلارنىڭ سىياسىي ئۆتكىلى ۋە پاكلىق ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەش كېرەك. سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ مۇھىمى سىياسىي جەھەتتە قەتئىي بولۇپ، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. سىياسىي ساپا جەھەتتىكى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامزاتلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىپادىسى، ئەھۋالىغا قاراپ، سىياسىيدا قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پاكلىق تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ئىگىلەپ، «تۆت جەزمەن» تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر مەسىلىسى بار، يوشۇرۇن مەسىلىسى بار نامزاتلارنى تاللاشقا بولمايدۇ. ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىنى تولۇق نامايان قىلىش، ئىلغارلىقى ۋە كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى نامايان قىلىش، ھەرقايسى سەپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەكىلى بار بولۇش كېرەك. ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىدىن بولغان پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى ئىلغار، نەمۇنىچى شەخسلەرنى ۋەكىل نامزاتىغا كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. نامزاتلارنىڭ سالاھىيەت ئۆتكىلىنى چىڭ ئىگىلەپ، سالاھىيىتىنى توغرا بېكىتىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتىگە ھەم كاپالەتلىك قىلىش، ھەم ئۇنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە سايلام ئىنتىزامىنى چىڭىتىش كېرەك. تەربىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئاگاھلاندۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئالدىنى ئېلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خۇنەن خېڭياڭ، سىچۇەن نەنچۇڭ، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئاۋاز توپلاش، پارا بېرىپ سايلىنىش، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلولىرىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىش، ئىبرەت ئېلىش كېرەك. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، پارا بېرىپ سايلىنىش، ئارىغا ئادەم قويۇپ سەمىگە سېلىش، سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا، بىرى بايقالسا، بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. كەيپىيات دۇرۇس بولمىغان، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كۈچلۈك بولمىغان، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلارغا قارىتا، مۇناسىۋەتلىك پارتىيە تەشكىلاتى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. ۋەكىللەرنى سايلاش تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق، مۇقىم بولۇش، غەيرەتكە كېلىش، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.

سوئال: 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش ئورۇنلىرى قانداق ئايرىلىدۇ؟ ۋەكىللەر سانى قانداق بېكىتىلىدۇ ۋە تەقسىملىنىدۇ؟

جاۋاب: ئومۇمىي جەھەتتىن يېقىنقى بىر نەچچە قېتىملىق مەملىكەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش ئۇسۇلىدىن داۋاملىق پايدىلىنىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىگە ئاساسەن، 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى، مەركەز كارخانىلىرى سىستېمىسى (بېيجىڭدىكى) قاتارلىق 38 سايلام ئورنىغا ئايرىلدى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇردى: 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سانى جەمئىي 2300 نەپەر بولۇپ، 19 - قۇرۇلتاي مەزگىلىدىكى بىلەن ئوخشاش. 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى تەقسىملەشتە، ئاساسلىقى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سانى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارتىيەنىڭ ئالدىنقى بىرنەچچە قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى قاتارلىق ئامىللار نەزەرگە ئېلىنىدۇ. بۇ تەقسىمات چارىسى بويىچە، ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرىدىكى ۋەكىللەرنىڭ سانى 19 - قۇرۇلتاي مەزگىلىدىكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ. قائىدە بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەن بىر قىسىم پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك ۋەكىل سۈپىتىدە يىغىنغا قاتنىشىشىنى بېكىتىدۇ.

سوئال: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيەت شەرتىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، سوراپ باقسام، كونكرېت قايسى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك؟

جاۋاب: «ئۇقتۇرۇش»تا: 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدىكى مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۇلۇغلاپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىپ، ئۆزىگە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىغا ئىگە بولۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى ھەم ئىدىيە، سىياسىي، ئىقتىدار، ئىستىل، نەتىجە، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىن ۋەكىللەر ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرىنچىدىن، ماركسىزم - لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ماركسىزملىق ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەقىدىسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرغان، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلغان، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولغان بولۇشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، بىرقەدەر كۈچلۈك سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەردە كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىغان بولۇشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىش تەلىپىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، بىرقەدەر يۇقىرى ئىقتىدار - ساپا ۋە بىرقەدەر مول ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئادىل، دۇرۇس بولۇپ، ئۆز نەپسىدىن كېچىپ ئومۇم ئۈچۈن ئىشلەپ، قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، پاك - دۇرۇس بولۇپ، ياخشى ئەخلاق - پەزىلەت، ئىستىل ۋە ئوبرازغا ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك. بەشىنچىدىن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ كەسىپنى قەدىرلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان بولۇشى كېرەك. ئالتىنچىدىن، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى بويىچە ئىش قىلىپ، دېموكراتىيە ھوقۇقىنى توغرا يۈرگۈزۈپ، ۋەكىللىك ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، بىرقەدەر كۈچلۈك كېڭىشىش ئىقتىدارى ۋە ئامما خىزمىتى قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئاممىنىڭ پىكرى ۋە تەلىپىنى پائال ھەم ئەينەن ئىنكاس قىلىپ، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلغان بولۇشى كېرەك.

سوئال: 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى پۈتۈن پارتىيەدىكى 95 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، سوراپ باقسام، بۇ تەرەپلەر قانداق نامايان قىلىنغان؟ يەنە قانداق تەلەپلەر بار؟

جاۋاب: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولۇشى، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان ۋە ئۇنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك، دەپ تەلەپ قىلدى. قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، تارقىلىشى كەڭ بولۇش ۋەكىللەرنىڭ كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە بولغانلىقىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى. «ئۇقتۇرۇش»تا ۋەكىللەر قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەلالاشتۇرۇشقا قارىتا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپ بار:

بىرىنچى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ، پارتىيەنىڭ سىنىپىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ئامما ئاساسىنى كېڭەيتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا ۋەكىللەر قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەز پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ۋە مەركەز كارخانىلىرى سىستېمىسى(بېيجىڭدىكى)نىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئادەتتە ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئاز بولماسلىقى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار(رەھبىرىي خادىملار)نىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ئادەتتە ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلمىسىنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، تۈرلۈك ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئىنچىكە، دەل جايىدا مەشغۇلات قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتى توغرىسىدىكى تەلەپنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋەكىللەرنىڭ كەسىپ، ساھە ۋە رايونلارغا تارقىلىشىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، ئىقتىساد، پەن - تېخنىكا، دۆلەت مۇداپىئەسى، سىياسىي قانۇن، مائارىپ، تەشۋىقات، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش قاتارلىق ھەرقايسى ساھە، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا، كەنت ۋە كوچا - مەھەللە قاتارلىق ھەرقايسى قاتلام - دەرىجە ھەمدە ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇن، خەلق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇشنى ئىمكانقەدەر ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئۇنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىدىن بولغان پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى ئىلغار، نەمۇنىچى شەخسلەرنى كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەلالىرىنى كۆرسىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلغار، نەمۇنىچى پارتىيە ئەزالىرىنى ۋەكىل نامزاتىغا پائال كۆرسىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپە ۋە جاپالىق مۇھىتتا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنى كۆرسىتىشكە دىققەت قىلىش، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە بارلىققا كەلگەن ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىلغار تىپلارنى كۆرسىتىشكە دىققەت قىلىش، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى قاتارلىق تەقدىرلەش پائالىيەتلىرىدە تەقدىرلەنگەن ياكى شەرەپ نامى بېرىلگەن ئىلغار، نەمۇنىچى پارتىيە ئەزالىرىنى كۆرسىتىشكە دىققەت قىلىش، كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى كۆرسىتىشتە ئاساس بولۇش، نامزات كۆرسىتىشتە ئۆلچەم بولۇش، سېلىشتۇرۇپ تاللاشتا ئۈلگە بار بولۇش، كۆرسىتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، ياخشىلىرى ئىچىدىن مۇنەۋۋەرلىرىنى تاللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، ئايال پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىلىشى كېرەك. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئايال پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتى ئادەتتە شۇ رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىدىكى ئايال پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك؛ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى، مەركەز كارخانىلىرى سىستېمىسى(بېيجىڭدىكى)، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە، بەلگىلىك ساندا ئايال پارتىيە ئەزالىرى بولۇشى كېرەك. «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە، بەلگىلىك ساندا ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى بولۇشى كېرەك؛ ئاپتونوم رايونلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بېكىتىدۇ. ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى «ئۇقتۇرۇش»تىكى تەلەپ بويىچە، ئۆز رايونى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ، ئايال پارتىيە ئەزالىرى، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتى ۋە قۇرۇلمىسىنى ياخشى ئىگىلىشى كېرەك.

تۆتىنچى، نامزاتلارنىڭ سالاھىيەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، «ئورنىغا دەسسىتىش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ھەمدە ئىشچىلار، دېھقانلار ۋە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىدىن بولغان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دائىرىسىنى ئېنىق بەلگىلەش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، نامزاتلارنىڭ سالاھىيىتىنى دەل جايىدا بېكىتىپ، نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە قاتناشقان ۋاقىتتىكى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىنى ئاساس قىلىش، كۆپ خىل سالاھىيەتكە ئىگە بولغانلىرىدا، خىزمەت خاراكتېرىنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىكى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئاساسەن بېكىتىپ، سالاھىيەت ئەينەن بولماسلىق، ھەقىقىي بولماسلىقتىن ساقلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەكىللەرنىڭ سانىنى ئىگىلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

سوئال: سىز ئالدىدا 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش تەرتىپىنىڭ پۇختا بولۇشى كېرەكلىكىنى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ دەرىجىمۇدەرىجە تاللىشى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدىڭىز، سوراپ باقسام، كونكرېت ئېيتقاندا قايسى تەرتىپ ۋە ھالقىلار بار؟

جاۋاب: پارتىيە رەھبەرلىكى بىلەن دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، بەلگىلەنگەن تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى ياخشى سايلاش ۋەكىللەرنىڭ ئىلغارلىقى ۋە كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى. «ئۇقتۇرۇش»تا: 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغا تاللاش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىرلەشتۈرۈش، قايتا - قايتا كېڭىشىش، دەرىجىمۇدەرىجە تاللاش چارىسىنى قوللىنىپ ئېلىپ بېرىش كېرەك، دەپ بەلگىلەندى ھەم ۋەكىللەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش تەرتىپىنىڭ بەش ئاساسلىق ھالقىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

1. نامزات كۆرسىتىش. ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، نامزات كۆرسىتىش ئاساسىي قاتلامدىن باشلىنىدۇ، بارلىق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى قاتنىشىدۇ. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەقسىم قىلىنغان سانغا ئاساسەن، ۋەكىللەرنىڭ شەرتى ۋە قۇرۇلما تەلىپى قاتارلىقلار بويىچە، نامزاتلارنى كەسكىن، ئەستايىدىل كۆرسىتىدۇ. ئاساسىي قاتلام پارتىيە كومىتېتلىرى كۆپ ساندىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنى كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ تاللاپ يۇقىرىغا يوللايدۇ. شەھەر، ناھىيە ۋە باشقا نامزات كۆرسىتىدىغان ئورۇنلار كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنى تەتقىق قىلىپ تاللاپ، پارتىيە كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى ئېچىپ، يۇقىرىغا يوللايدىغان كۆرسىتىلگەن نامزاتلارنى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ. سايلام ئورۇنلىرى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى (خىزمەت كومىتېتى يىغىنى، پارتىيە گۇرۇپپا يىغىنى) ئېچىپ، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغان دەسلەپكى نامزات ئوبيېكتلىرى ئىسىملىكىنى بېكىتىدۇ.

2. تەكشۈرۈشكە تەشكىللەش. سايلام ئورۇنلىرى ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغان دەسلەپكى نامزات ئوبيېكتلىرىغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلايدۇ. ئارتۇق نامزاتنى تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈشنى ئالدىن ئۇقتۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. نامزاتلارنىڭ سىياسىي ئۆتكىلى قاتتىق ئىگىلىنىپ، سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، نامزاتلارنىڭ غايە - ئېتىقادى، سىياسىي پەزىلىتى ۋە ئەخلاق جەھەتتىن تەربىيەلىنىشىنى تەكشۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، نامزاتلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىپادىسى، ئەھۋالى نۇقتىلىق ئىگىلىنىپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئىككى يۈزلىمىچىلەرنىڭ سايلىنىپ كىرىپ قېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. نامزاتلارنىڭ پاكلىق ئۆتكىلى قاتتىق ئىگىلىنىپ، «تۆت جەزمەن» تەلىپى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ، بارلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىغا قارىتا تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتى ھەمدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگىنىنىڭ پىكرى ئېلىنىدۇ، ئالاقىدار ئارخىپ ماتېرىياللىرى تەكشۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش ئەھۋالى ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش يىپ ئۇچىغا دائىر كونكرېت، تەكشۈرۈشكە بولىدىغان ئەرزىيەت، پاش قىلىش قاتارلىقلارغا قارىتا تەكشۈرۈش، يەكۈن چىقىرىش ئېلىپ بېرىلىدۇ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولسا، شەخسنىڭ ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى دوكلاتى تەكشۈرۈلۈپ، «چاتىقى بارلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش»نىڭ قەتئىي ئالدى ئېلىنىدۇ.

3. ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ دەسلەپكى نامزاتىنى بېكىتىش. سايلام ئورۇنلىرى پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنى (خىزمەت كومىتېتى يىغىنى، پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى) ئېچىپ، تەكشۈرۈش ئەھۋالى ۋە ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلما تەلىپى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ دەسلەپكى نامزاتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ ھەم سايلام ئورۇنلىرى دائىرىسىدە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئېلان قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە تەشكىلاتى، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىدىن پىكىر ئالىدۇ. ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ دەسلەپكى نامزاتى بېكىتىلىشتىن بۇرۇن، تەڭ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، كارخانا قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ دەسلەپكى نامزاتلىرىغا قارىتا، يەنە قاراتمىلىق ھالدا مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، ساھەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پىكرىنى ئېلىش كېرەك.

4. ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ تەييارلىق نامزاتلىرىنى بېكىتىش. سايلام ئورۇنلىرى پارتىيە كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى (خىزمەت كومىتېتى يىغىنى، پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىنى) ئېچىپ، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ تەييارلىق نامزاتلىرىنى بېلەت تاشلاپ بېكىتىدۇ. ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ تەييارلىق نامزاتلىرى تەڭ نامزات كۆرسىتىپ سايلاش ئارقىلىق بېكىتىلسىمۇ، ئارتۇق نامزات كۆرسىتىپ سايلاش ئارقىلىق بېكىتىلسىمۇ بولىدۇ.

5. يىغىندا سايلاش. سايلام ئورۇنلىرى پارتىيە قۇرۇلتىيى ياكى پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنى ئېچىپ سايلام ئېلىپ بارىدۇ. ئالدى بىلەن ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈپ، نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، ئاندىن تەڭ نامزاتلىق سايلام ئۇسۇلىنى قوللىنىپ رەسمىي سايلام ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ؛ تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزمەي، بىۋاسىتە ھالدا ئارتۇق نامزاتلىق سايلام چارىسىنى قوللىنىپ، رەسمىي سايلام ئۆتكۈزۈشكىمۇ بولىدۇ. ئارتۇق نامزاتلىق سايلامدا نىسبەت %15تىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك.

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا، 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرىدۇ.

سوئال: ئاخىرىدا، سىز 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىك جەھەتتە قانداق تەدبىر ۋە تەلەپلەر بارلىقىنى سۆزلەپ باقسىڭىز؟

جاۋاب: 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى، ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىشى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە تەشكىلات، تەشۋىقات قاتارلىق فۇنكسىيەلىك تارماقلار ئۆز ۋەزىپىسىگە مەسئۇل بولۇپ، زىچ ماسلىشىپ، خىزمەتلەرنى ئورتاق ياخشى ئىشلىشى كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە سايلام ئىنتىزامىنى چىڭىتىش، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنى پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، ئاۋاز توپلاش، پارا بېرىپ سايلىنىش، ئارىغا ئادەم قويۇپ سەمىگە سېلىش، ئالدىن ئاشكارىلاپ قويۇش، شەپە بېرىش، ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي توسۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپ، ئىنتىزامغا خىلاپ، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرگە قىلچە يول قويماي، بايقالغان ھامان قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھەرگىز كەڭ قورساقلىق قىلماي، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ۋەكىل نامزاتلىرىنى كۆرسىتىشكە پائال قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى نامزات كۆرسىتىش ۋە سايلام نەتىجىسىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ سايلانماي قالغان يولداشلارغا بولغان ئىدىيەۋى خىزمەتنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى ئىشلەش كېرەك. ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتى تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئىلغارلىقى ۋە كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى تەشۋىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەكىللەرنىڭ ئىلغار، نەمۇنىلىك ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ۋەكىللەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش جەريانىدا پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، ئاممىۋى لۇشيەندە مېڭىشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللارنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئەستايىدىل، ئىنچىكە بولۇشتەك خىزمەت ئىستىلى بىلەن، 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئەستايىدىل تاماملاپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.