يولۋاس
شىر
مۈشۈكياپىلاق
توشقان
ئالتۇن بېلىق
...
راستتەكلا جانلىق سىزىلغان كىچىك ھايۋانلار
يورۇق، يارقىن رەڭلەر
يېڭىدىن دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن توردا ئالقىشلانغان بۇ يولنى
تېخىمۇ ئۆزگىچە تۈسكە كىرگۈزدى
توردا ئالقىشلانغان بۇ يول
كۈنەس ناھىيەسى ئالمىلىق بازىرى يېگولىن مەھەللىسىگە جايلاشقان
بۇ ئۇزۇنلۇقى 4.3 كىلومېتىر كېلىدىغان يېزا يولى بولۇپ
نۇرغۇن فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى ۋە تورداشنى چوقۇم كېلىشكە جەلپ قىلدى
بۇ يىل
بۇ مەھەللە ساياھەت يانداش ئەسلىھەلىرى تۈرىگە بىرلەشتۈرۈپ
جەمئىي 2 مىليون 330 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ بۇ يولنى ئۆزگەرتتى
يول يۈزى، دەرەخ غوللىرى ۋە تاشلارغا رەڭلىك رەسىم سىزدى
دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى
دەرەخلەردە
ھەر خىل كىچىك ھايۋانلار «پەيدا بولدى»
قايسى كىچىك ھايۋانلارنىڭ بارلىقىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى
باھاردا گۈزەللىكتە تەڭداشسىز
يازدا دەرەخلەر قويۇق سايە تاشلاپ تۇرىدۇ
كۈزدە تولىمۇ يېقىشلىق
مۇز گۈللىرى بىلەن ئورالغان «قاشتېشى» دەرەخلەر
بىر يىلدىكى تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسى مەنزىرە
يەنە نېمىنى ساقلاپ تۇرىسىز
فوتو ئاپپاراتىڭىزنى ئېلىپ
بىرلىكتە بۇ يەرگە كېلىپ تاماشا قىلايلى
جاڭ ۋېنتىڭ فوتوسى، خەۋىرى
مەنبە: ئانار بۇلۇت