ئانار بۇلۇت خەۋىرى (ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چىن پېڭ، جانات تولقىن،خۇ يۈن خەۋەر قىلىدۇ) 11-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يەنە ئازراق قار ياغدى، قار ئانچە قېلىن ياغمىغان بولسىمۇ، لېكىن شەھەرگە يەنىلا ئازدۇر-كۆپتۇر قار مەنزىرىلىرىنى ئېلىپ كەلدى، قاردىن كېيىنكى ئەتىرگۈللەر، يېشىل ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىكى قار باسقان غازاڭلار، چىغىر يولدا قارغا ئاياغ ئىزىنى قالدۇرۇپ كېتىۋاتقان كىشىلەر، قار ئادەم ياساۋاتقان كىچىك دوستلار... قىش پەسلى يېتىپ كەلدى، قىش مەنزىرىسى ئەتراپىمىزدا.
11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئازراق قار ياغقاندىن كېيىن، بىر ئاھالە ئولتۇراق رايوندىكى ئۆزگىچە ياسالغان يولدا كېتىۋاتماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى
11-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى خۇاڭشەن كوچىسى شىدەي چېڭباۋ ئولتۇراق رايونى، قاردىن كېيىن بۇ كىچىك دوست قار ئادەم ياسىدى ھەم يېڭى ھەمراھى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇ يۈن فوتوسى
11-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىجيې گۇڭيۈەن 2-قارار ئولتۇراق رايونىدا، قار باسقان بىر قىزىل ئەتىرگۈل قەيسەر ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى
11-ئاينىڭ 18-كۈنى، بىر تال يېشىل يوپۇرماق قار باسقان غازاڭلارغا زىننەت قوشۇپ تۇراتتى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى
11-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سىپىڭ يولى جىنشىن خۇايۈەن 3-قارار ئولتۇراق رايونىدا، پاختىلىق كىيىم كىيگۈزۈلگەن بىر كۈچۈك نېپىز بىر قەۋەت قار باسقان ئۇزۇن ئورۇندۇق ئالدىدىن يۈگۈرۈپ ئۆتمەكتە.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جانات تولقىن فوتوسى