تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

خۇبېي بىلەن بورتالانىڭ قېرىنداشلىق مېھرى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى، خۇبېي 5 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ شىنجاڭدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىلا پۇتبول مەيدانى ياساپ بەردى

    چاڭجياڭ گېزىتىنىڭ داۋۇخەن ئابۇنىچىلار تېرمىنالى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جۇ چىڭجيې) يېقىندا، بىر مەيدان ئېسىل پۇتبول مۇسابىقىسى ۋۇخەن نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان شىنجاڭنىڭ بورتالا شەھىرى دالتۇ بازىرى دالتۇ غەربىي كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا باشلاندى.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقە باشلانغان پۇتبول مەيدانى بورتالا شەھىرىنىڭ يېزا-بازارلىرىدا ياسالغان تۇنجى يۇقىرى ئۆلچەملىك كاۋچۇك پۇتبول مەيدانى بولۇپ، ۋۇخەننىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى خۇبېينىڭ بورتالاغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 5 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى قۇرۇلۇشنى باشلىغان. پۇتبول مەيدانىنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، بۇ يېڭىدىن قۇرۇلغان 11 كىشىلىك 7500 كىۋادرات مېتىرلىق پۇتبول مەيدانى ۋە ئەتراپتىكى يۈگۈرۈش يولى قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. پۇتبول مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇشى بۇ كەنتتىكى ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە بېيىتقان.

  دالتۇ بازىرى دالتۇ غەربىي كەنتىدىكى پۇتبول مەيدانىغا بېرىپ نەزەر سالسىڭىز، پارقىراق سېمونت يەر تەكشى سۈنئىي چىملىق بىلەن قاپلانغان، ئەتراپتىكى يۈگۈرۈش يولى، كۆرۈش سۇپىسى قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلەر تولۇق بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ پۇتبول مەيدانىدا تەر ئاققۇزۇپ پۇخادىن چىققۇچە توپ ئويناپ، پۇتبول ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز.

  دالتۇ بازىرى دالتۇ غەربىي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئوسمانجان مۇنداق دېدى: «يېڭىدىن قۇرۇلغان پۇتبول مەيدانى بولغاچقا بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بوش ۋاقىتلاردا سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈردۇق. ھەر كۈنى كەچقۇرۇن، بۇ يەر بەك قىزىپ كېتىدۇ، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى پۇتبول مەيدانىغا كېلىپ توپ تېپىدۇ. قىزىپ كەتسە يەنە بىر مەيدان كەسكىن پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينايدۇ، بۇ ئىلگىرىكىدەك ئۆيدە ئولتۇرۇپ يان تېلېفون ئوينىغاندىن كۆپ ساغلام».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى