تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

    بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت-شىجائەتنى ئۇرغۇتۇپ كەلگۈسىگە قاراپ ماڭىمىز

    11-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىخو شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بەيچۈەن بازىرى تۆگلىك مودۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە مېدالىغا ئېرىشكۈچى شيا لا(ئوڭدىن 3-كىشى) بىلەن بىرلىكتە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەنمەكتە.

گاۋ بو فوتوسى

     ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

    ئۆتمۈشتىكى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي، ھازىرقى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتكە مۇناسىپ ئىش قىلىپ، كەلگۈسى ئۇلۇغ ئارزۇنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈشىمىز كېرەك. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، 100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئەقىل ۋە كۈچ قوبۇل قىلىپ، بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، غەيرەت-شىجائەتنى ئۇرغۇتۇپ كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى:

   خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىمىز

  11-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سوت مەھكىمىسى سىستېمىسىدىكىلەر ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىش، ئومۇميۈزلۈك مۇھاكىمە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەشنى تولۇق قاپلاپ قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغىشى كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، قانۇننى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، سوتنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان سوت مەھكىمىسى پولات قوشۇنىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاۋلاپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قەتئىي، كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى:

    پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز

    11-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئۆگىنىش»كە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش؛ «تەتقىق قىلىش»قا كۈچ سەرپ قىلىپ، دىققەتنى پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىدىكى يېڭى پۇرسەت، يېڭى خىرىسقا مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئويلىرى، تەقەززاسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىش؛ «ئەمەلىي» بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، چوڭ ۋەزىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىشچان، يېڭىلىق يارىتىشچان، مۇلازىمەتچان پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى تارمىقى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسىدىن تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى يەكۈنلەپ، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، يېڭى مۇساپىدە پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى):

    ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئالدىدا ماڭىمىز

    يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن مەكتەپ (شۆيۈەن) بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۇنى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، سىستېمىلىق چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا، يەتكۈزۈشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا، چۈشىنىشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر مۇنداق بىلدۈردى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى ئومۇمىي يىغىن روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەۋقەنى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتى، ئورنىغا قويۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىپ، ياخشى ئۈلگە بولىمىز.

    ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى:

    تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز

    ​يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى مەخسۇس تېمىدا يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىدە ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «10 چوڭ كەسىپ»نىڭ تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەل قىلىش؛ كاربوننى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ تۈر قۇرۇلۇشىنى پائال ياخشى تۇتۇپ، دىققەتنى «10 چوڭ كەسىپ»كە، بولۇپمۇ ئەۋزەل كەسىپ ۋە بازار ئېھتىياجى بار ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم كەسىپ زەنجىرى تۈرلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىش جەھەتتە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

    شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى:

    خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز

    يېقىندا، شىنجاڭ خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەۋقەنى ئىش ئورنى تەلىپىگە قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ياخشى ئىگىلەپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ 5G تور قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، سانائەت ئالاقە تورىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشنى تېزلىتىپ، رەقەملەشكەن تەرەققىياتقا پائال تۈرتكە بولۇپ، «14-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدىكى تۈرلۈك نىشان-ۋەزىپىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ياڭ شۇخەن، ما يىنىڭ، فەن چيۇڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر لۇەن لىجياڭ )

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى