تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» ھەققىدە ئىزاھات

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» ھەققىدە ئىزاھات

شى جىنپىڭ

مەن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»نىڭ لايىھەسىنى تەييارلاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار ھەققىدە ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بېرىمەن.

1. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى توغرىسىدا ئويلىنىش

پارتىيەمىز ئەزەلدىن تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەندىكى مەزگىلىدىلا: «ئەگەر پارتىيەنىڭ تارىخىنى، پارتىيەنىڭ تارىختا ماڭغان يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالمىساق، ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلالمايمىز» دەپ كۆرسەتكەنىدى. 1945 - يىلى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش پەيتىدە، پارتىيە 6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 7 - ئومۇمىي يىغىنى «بەزى تارىخىي مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارار»نى ماقۇللاپ، پارتىيە قۇرۇلغاندىن كېيىنكى، بولۇپمۇ پارتىيە 6 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن زۈنيى يىغىنىنىڭ ئالدىغىچە بولغان مەزگىلدىكى پارتىيەنىڭ تارىخى ۋە تەجرىبە - ساۋاقلىرىنى خۇلاسىلەپ، بىرقانچە مۇھىم، زور تارىخىي مەسىلىلەر توغرىسىدا يەكۈن چىقىرىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرىنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىغا دائىر تۈپ مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 7 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن تولۇق شارائىت يارىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىنقىلابىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى مەزگىلىگە كىرگەندە، يولداش دېڭ شياۋپىڭ: «تارىختىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن ھاسىل قىلىنغان تەجرىبىلەر − قىممەتلىك بايلىق، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن، مەغلۇبىيەتكە ئۇچراشتىن ھاسىل قىلىنغان تەجرىبىلەرمۇ قىممەتلىك بايلىق. فاڭجېن، سىياسەتلەرنى شۇنداق تۈزگەندە، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى ئىتتىپاقلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇشۇنداق ئاساس ئەڭ ئىشەنچلىك بولىدۇ» دېگەنىدى. 1981 - يىلى پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنى «دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيە تارىخىغا دائىر بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارار»نى ماقۇللاپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىكى پارتىيە تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتتى، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، بەزى مۇھىم، زور ۋەقەلەر ۋە مۇھىم شەخسلەرگە، بولۇپمۇ يولداش ماۋ زېدۇڭ ۋە ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىگە توغرا باھا بېرىپ، ھەق - ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، «سول»چىل ۋە ئوڭچىل خاتا قاراشلارنى تۈزىتىپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ ئالدىغا قارىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشقا مۇھىم، زور تەسىر كۆرسەتتى.

ھازىر، بىرىنچى تارىخىي قارار چىقىرىلغانلىقىغا 76 يىل، ئىككىنچى تارىخىي قارار چىقىرىلغانلىقىغىمۇ 40 يىل بولدى. 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، ئۆتمۈشنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئىچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيانقى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەشتە ئوبيېكتىپ ئېھتىياجمۇ تۇغۇلدى، سۇبيېكتىپ شارائىتمۇ ھازىرلاندى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان مۇھىم تارىخىي پەيتتە، پارتىيە ۋە خەلق بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى غەلىبىلىك ئەمەلگە ئاشۇردى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قەدەم قويۇۋاتقان مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى، ئىرادىسى، ھەرىكىتىنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيەنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان، ئۇزاق داۋاملاشقان، كەڭ دائىرىگە چېتىلىدىغان 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىدە تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن مەسىلىلەر بار. ئومۇمەن ئېيتقاندا، تارىخنى خۇلاسىلەش، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش، ئىشەنچنى چىڭىتىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش تەلىپى بويىچە، پارتىيەنىڭ بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىسىنى ياخشى خۇلاسىلەش، پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياخشى خۇلاسىلەش، پارتىيەنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى ياخشى خۇلاسىلەش، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىتىشتىكى نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتنى ياخشى خۇلاسىلەش كېرەك. كونكرېت ئېيتقاندا، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بارغان 100 يىللىق مۇساپىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىگەن ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسى، دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن ياراتقان ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپىسىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەش؛ پارتىيەنىڭ ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ جۇڭگوچىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقان 100 يىللىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ پارتىيەنىڭ پارتىيە ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز قوغدىغان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغدىغان 100 يىللىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە سىياسىي ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش؛ پارتىيەنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلىگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلىگەن 100 يىللىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن ھايات - ماماتتا بىللە بولىدىغان، خۇشاللىق - قايغۇدىمۇ بىللە بولىدىغان قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى تېخىمۇ ياخشى كۆزلەپ، خەلققە تېخىمۇ تايىنىپ ئۇلۇغ تارىخىي ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش؛ پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەن، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئالغا سىلجىتقان 100 يىللىق مۇساپىسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك ۋە قەيسەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ تارىخىي تەرەققىياتنىڭ قانۇنىيىتى ۋە چوڭ يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى باشتىن - ئاخىر ئىگىلەپ، بېكىتىلگەن كۈرەش نىشانىنى كۆزلەپ، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلىنىدىغان جاسارەت ۋە كۈچنى ئاشۇرۇش كېرەك.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشتە، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تارىخىغا كونكرېت، تارىخىي، ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك، باغلىنىشچان، راۋاجلىنىدىغان نۇقتىئىنەزەر بىلەن قاراش كېرەك. توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، بۈيۈك تارىخ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، پارتىيە تارىخى تەرەققىياتىنىڭ باش تېمىسى، ئاساسىي لىنىيەسى، ئاساسىي ئېقىمى، ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيە ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا باشتىن كەچۈرگەن سەۋەنلىك ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلەردىن تەجرىبە توپلاپ، سەۋەنلىكلەردىن ساۋاق ئېلىپ، غەلىبە يولىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىش كېرەك. تارىخىي ئىنكارچىلىققا بايرىقى روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ۋە نەزەرىيەۋى تەھلىلنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىدىكى بەزى مۇھىم، زور تارىخىي مەسىلىلەرگە بولغان مۈجمەل تونۇش ۋە بىر تەرەپلىمە چۈشەنچىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساستىن تېخىمۇ تۈزەش، مەنبەنى تېخىمۇ ساپلاشتۇرۇش كېرەك.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىن قارارىنىڭ لايىھەسىنى تەييارلاشتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىنى نۇقتىلىق ئوبدان ئىگىلەشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

بىرىنچى، دىققەتنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشكە مەركەزلەشتۈرۈش. پارتىيەمىز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى تارىخىي قارار تۈزگەنىدى. پارتىيە قۇرۇلغاندىن تارتىپ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە، بۇ ئىككى تارىخىي قاراردا پارتىيە تارىخىدىكى مۇھىم، زور ھەق - ناھەق مەسىلىلىرى ئاساسەن ھەل قىلىندى، ئۇلاردىكى ئاساسىي بايان ۋە يەكۈنلەر ھازىرغىمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، گەرچە پارتىيە خىزمىتىدە بەزى مەسىلىلەر كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق راۋاجلاندى، توغرا يۆنىلىش بويىچە ئىلگىرىلىدى، ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى. مۇشۇ ئاساستا، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى ئاشۇرۇش، ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جەڭگىۋارلىقىنى ئۇرغۇتۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىككىنچى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ۋە توپلانغان يېڭى تەجرىبىلەرنى نۇقتىلىق خۇلاسىلىدۇق، بۇنىڭدا ئاساسلىقى مۇنۇلارنى كۆزدە تۇتتۇق: پارتىيەنىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلى، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلى، پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنىغىچە بولغان مەزگىلدىكى تارىخ ئالدىنقى ئىككى تارىخىي قاراردا سىستېمىلىق خۇلاسىلەنگەن؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى بولغاندا، 30 يىللىقى بولغاندا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلىدى، مەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزۈمدىمۇ سىستېمىلىق خۇلاسىلىدىم. شۇڭا، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرىكى تارىخىي مەزگىل بۇرۇنقى خۇلاسە ۋە يەكۈن ئاساسىدا بايان قىلىندى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش − پۈتۈن پارتىيەنى ئىشەنچنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، دىققەتنى ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىزغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ مەردانە قىياپەتتە يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋر ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەشكە پايدىلىق.

ئۈچىنچى، مۇھىم، زور ئىش، مۇھىم يىغىن، مۇھىم شەخسلەرگە باھا بېرىشتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇرۇنقى يەكۈنلىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش. ئالدىنقى ئىككى تارىخىي قارار ۋە پارتىيەنىڭ بىر قاتار مۇھىم ھۆججەت - ماتېرىياللىرىدا، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن ئىلگىرىكى پارتىيە تارىخىدىكى مۇھىم، زور ئىش، مۇھىم يىغىن، مۇھىم شەخسلەر توغرىسىدا نۇرغۇن بايانلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، رەسمىي يەكۈن چىقىرىلغان. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا مۇشۇ ئاساسىي بايان ۋە يەكۈنلەردە چىڭ تۇردۇق. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى، بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلاردا پارتىيە تارىخى توغرىسىدا خۇلاسە چىقىرىپ ۋە شەرھلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىگە بولغان يېڭى تونۇشىنى نامايان قىلدىم. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىدا بۇ يېڭى تونۇشلارنى نامايان قىلىش كېرەك.

2. قارار لايىھەسىنى تەييارلاش جەريانى

بۇ يىل 3 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىشنى قارار قىلىپ، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇردى، مەن گۇرۇپپا باشلىقى بولدۇم، يولداش ۋاڭ خۇنىڭ، يولداش جاۋ لېجى مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولدى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى شۇنداقلا مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار جايلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى، گۇرۇپپىمىز مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى.

4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر ئېلىش ئۇقتۇرۇشى»نى تارقىتىپ، پارتىيە ئىچى - سىرتىدا مۇئەييەن دائىرىدە پىكىر ئالدى.

ئىنكاس قىلىنغان پىكىرلەردىن قارىغاندا، جايلار، تارماقلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر بىردەك مۇنداق قارىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەشنى قارار قىلغانلىقى تارىخىي، ئىستراتېگىيەلىك تەنتەنىلىك تەدبىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلايدىغان، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلايدىغان مۇستەھكەم ئىرادىسى ۋە قەتئىي ئىشەنچىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىكى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي تەشەببۇسكارلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى باشتىن - ئاخىر ئىگىلىگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيەنىڭ ھازىرنى مەۋقە قىلىپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ۋە تەتبىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە يىراقنى كۆزلەرلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. كۆپچىلىك بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى نۇقتىلىق خۇلاسىلەشكە بىردەك قوشۇلدى ھەمدە قاراردا مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم، زور مەسىلىلەر توغرىسىدا نۇرغۇن ياخشى پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

جايلار، تارماقلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر بىردەك مۇنداق قارىدى: 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت ھەرقايسى تارىخىي مەزگىللەردە سىجىل كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا پارلاق مۆجىزىلەرنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تارىخىي مۇساپىسىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى، دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى، ماركسىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆچمەس ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشتى، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. بۇ ئۇلۇغ مۇساپىدە، پارتىيە ۋە خەلق ئىنتايىن مول قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلەرنى توپلىدى. بۇلار سىستېمىلىق خۇلاسىلەشكە ئەرزىيدۇ. جايلار، تارماقلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىندا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەش ئاساسىدا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر، شۇنداقلا يېڭى تەجرىبىلەرنى نۇقتىلىق خۇلاسىلەش ھەققىدە تەكلىپ بەردى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىمىز پارتىيەنىڭ مۇھىم تارىخىي ھۆججەت - ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، جايلار، تارماقلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، قارار لايىھەسىنى تەييارلاش خىزمىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردۇق.

9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، قارارنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى پارتىيە ئىچىدە بەلگىلىك دائىرىگە، جۈملىدىن پارتىيە ئىچىدىكى قىسمەن پېشقەدەم يولداشلارغا تارقىتىپ پىكىر ئالدۇق، يەنە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىدىن مەخسۇس پىكىر ئالدۇق.

ئىنكاس قىلىنغان پىكىرلەرنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، جايلار، تارماقلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر قارار لايىھەسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، قارار لايىھەسىنىڭ رامكا قۇرۇلمىسى ۋە ئاساسىي مەزمۇنىغا بىردەك قوشۇلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: قارار لايىھەسىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، تارىخقا ھۆرمەت قىلىش بولۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، بۇ تارىخىي پاكىتقا ئۇيغۇن؛ قارار لايىھەسىدىكى مۇھىم، زور ئىش، مۇھىم يىغىن، مۇھىم شەخسلەر ھەققىدىكى بايان ۋە باھا پارتىيەنىڭ تارىخىي ھۆججەت - ماتېرىياللىرىدىكى بايان ۋە يەكۈنلەر بىلەن ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيە تارىخى توغرىسىدىكى يېڭى تونۇشى نامايان قىلىنىپتۇ. قارار لايىھەسىدە خۇلاسىلەپ يىغىنچاقلانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى»دە، پارتىيەنىڭ جۇڭگوغا، ئىنسانىيەتكە قوشقان تارىخىي تۆھپىسى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ؛ خۇلاسىلەپ يىغىنچاقلانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي تەجرىبىسى»دە، تارىخ، ھازىر، كەلگۈسى تۇتاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ مۇھىم، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ۋە رېئال يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

جايلار، تارماقلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: قارار لايىھەسى − يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سىياسىي خىتابنامىسى، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، ئۇ پارتىيەنىڭ ئالدىنقى ئىككى تارىخىي قارارى بىلەن تومۇرداش بولغان ھەمدە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن قارار بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ زور شان - شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

پىكىر ئېلىش جەريانىدا، جايلار، تارماقلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەر نۇرغۇن ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بەردى. ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىمىز بۇ پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بىرمۇبىر تەھلىل قىلىپ، قوبۇل قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر قوبۇل قىلدۇق. قايتا - قايتا تەتقىق قىلىش ۋە پىششىق ئويلىشىش ئارقىلىق، قارار لايىھەسىنىڭ 547 جايىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، جايلار، تارماقلار ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردۇق.

قارار لايىھەسىنى تەييارلاش جەريانىدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 3 قېتىم، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى 2 قېتىم يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقىپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلغان قارار لايىھەسىنى شەكىللەندۈردى.

3. قارار لايىھەسىنىڭ ئاساسىي رامكىسى ۋە ئاساسلىق مەزمۇنى

قارار لايىھەسى كىرىش سۆز ۋە ئاخىرقى سۆزدىن باشقا، جەمئىي يەتتە قىسىمدىن تەركىب تاپتى.

بىرىنچى قىسىم «يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش». بۇ قىسىمدا، بۇ مەزگىلدىكى پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئاساسلىق ۋەزىپە جاھانگىرلىك، فېئودالىزم، بىيۇروكرات كاپىتالىزمغا قارشى تۇرۇپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈپ ئىجتىمائىي شارائىت يارىتىش ئىدى، دەپ شەرھلىدۇق. پارتىيەنىڭ دۇنياغا كېلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەھلىل قىلىپ، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىل ۋە بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلى، يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى مەزگىلى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلى، ئازادلىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېلىپ بارغان ئىنقىلابىي كۈرەشلىرىنىڭ تارىخىي مۇساپىسى ۋە ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھەمدە ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى يارىتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش ۋە ئالغا سىلجىتىش جەھەتتىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خۇلاسىلىدۇق. مۇنۇلارنى تەكىتلىدۇق: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، مىللەتنى مۇستەقىللىققە، خەلقنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈپ، جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل داۋام قىلغان فېئودال مۇستەبىت سىياسىيدىن خەلق دېموكراتىيەسىگە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەشلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تەنتەنىلىك جاكارلىدىكى، جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى، باشقىلار جۇڭخۇا مىللىتىنى خالىغانچە تالان - تاراج قىلىدىغان، بوزەك قىلىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى ئېراغا قەدەم قويدى.

ئىككىنچى قىسىم «سوتسىيالىستىك ئىنقىلابنى تاماملاش ۋە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىش». بۇ قىسىمدا، بۇ مەزگىلدىكى پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئاساسلىق ۋەزىپە يېڭى دېموكراتىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ھازىرلاش ۋە تۈزۈم ئاساسى سېلىش ئىدى، دەپ شەرھلىدۇق. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ بىر قاتار كەسكىن خىرىسلارنى يېڭىپ، يېڭى ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئورنىتىش، ئومۇميۈزلۈك، كەڭ كۆلەملىك سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى قانات يايدۇرۇش، تاشقى خىزمەتتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش تارىخىي مۇساپىسى ۋە ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خۇلاسىلىدۇق. پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە توپلىغان دەسلەپكى تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، بۇ مەزگىلدە پارتىيە قولغا كەلتۈرگەن ئىجادىي نەزەرىيە نەتىجىلىرىنى شەرھلەش ئاساسىدا، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىگە ئىلمىي باھا بەردۇق. مۇنۇلارنى تەكىتلىدۇق: بۇ مەزگىلدە پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر شەرقتىكى نامرات، قالاق، نوپۇسى كۆپ چوڭ دۆلەتنى مەزمۇت قەدەملەر بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە باشلاپ كىرىشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەشلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تەنتەنىلىك جاكارلىدىكى، جۇڭگو خەلقى كونا دۇنيانى بۇزۇپ تاشلاشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، يېڭى دۇنيا قۇرۇشقىمۇ ماھىر، جۇڭگونى پەقەت سوتسىيالىزملا قۇتقۇزالايدۇ، جۇڭگونى پەقەت سوتسىيالىزملا تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ.

ئۈچىنچى قىسىم «ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش». بۇ قىسىمدا، بۇ مەزگىلدىكى پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئاساسلىق ۋەزىپە جۇڭگودا سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ توغرا يولى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ۋە ئىمكانقەدەر تېزرەك بېيىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولغان تۈزۈلمە كاپالىتى ۋە تېز تەرەققىي قىلىدىغان ماددىي شارائىتقا ئىگە قىلىش ئىدى، دەپ شەرھلىدۇق. پارتىيە 11 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى، يولداش جياڭ زېمىن ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى، يولداش خۇ جىنتاۋ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي تۆھپىسىنى خۇلاسىلەپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار خەۋپ - خەتەر ۋە سىناقلارغا سالماق تاقابىل تۇرۇش، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى باشلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە، يېڭى مەزگىلنىڭ قاينام - تاشقىنلىققا تولغان تارىخىي كارتىنىسى ۋە ئالەمشۇمۇل ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلدۇق. مۇنۇلارنى تەكىتلىدۇق: بۇ مەزگىلدە پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقا ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئالغا سىلجىتتى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەشلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تەنتەنىلىك جاكارلىدىكى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش − زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق تەدبىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى − جۇڭگونى تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە باشلايدىغان توغرا يول، جۇڭگو مەزمۇت قەدەملىرى بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋالدى.

تۆتىنچى قىسىم «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىش». بۇ قىسىمدا، بۇ مەزگىلدىكى پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئاساسلىق ۋەزىپە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش ئىدى، دەپ شەرھلىدۇق. دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدىن ئىبارەت يېڭى تارىخىي ئورنىنى شەرھلەپ، پارتىيەنىڭ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى يىغىنچاقلاپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ۋەزىيەت، پارتىيە دۇچ كەلگەن خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تا چىڭ تۇرۇش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، دىپلوماتىيە خىزمىتى قاتارلىق 13 جەھەتتىن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈزبەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ساھەلەر بويىچە خۇلاسىلەپ، توققۇز يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيەت خاراكتېرلىك ئىدىيە، ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەت، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش، بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى نۇقتىلىق خۇلاسىلىدۇق. مۇنۇلارنى تەكىتلىدۇق: بۇ مەزگىلدە پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ مۇستەھكەم ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەشلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تەنتەنىلىك جاكارلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.

بەشىنچى قىسىم «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى». بۇ قىسىمدا، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى ۋە مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەش، خۇلاسىلەش ئاساسىدا، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى، جۈملىدىن پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكەنلىكى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى ئاچقانلىقى، ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغانلىقى، دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى، دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىققانلىقىنى تېخىمۇ كەڭ نەزەر بىلەن خۇلاسىلىدۇق. پارتىيەنىڭ جۇڭگو خەلقىگە، جۇڭخۇا مىللىتىگە، ماركسىزمغا، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇلۇشىغا قوشقان تارىخىي تۆھپىسىنى شەرھلىدۇق. بۇ بەش جەھەتتىكى يىغىنچاقلاشتا ھەم جۇڭخۇا زېمىنىنى مەۋقە قىلىپ، ھەم ئىنسانىيەتنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر تاشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقى، جۇڭخۇا مىللىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزم، دۇنيا سوتسىيالىزمى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى تولۇق چۈشەندۈردۇق.

ئالتىنچى قىسىم «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى تارىخىي تەجرىبىلەر». بۇ قىسىمدا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو يولىدا چىڭ تۇرۇش، دۇنيانى كۆڭۈلگە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، دادىل كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بىرلىك سەپتە چىڭ تۇرۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت تۈپ ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە ئون تارىخىي تەجرىبىنى يىغىنچاقلاپ چىقتۇق. بۇ ئون تارىخىي تەجرىبە سىستېمىلىق، مۇكەممەل، ئۆزئارا تۇتاشقان ئورگانىك گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ تۈپ كاپالىتىنى، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرۇشىنىڭ كۈچ مەنبەسىنى، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىنىڭ تۈپ سەۋەبىنى، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى مەڭگۈ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىنىڭ تۈپ يولىنى ئېچىپ بەردى. مۇنۇلارنى تەكىتلىدۇق: بۇ ئون تارىخىي تەجرىبە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەتتىن توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبە، پارتىيە ۋە خەلق ئورتاق ياراتقان مەنىۋى بايلىق، شۇڭا ھەسسىلەپ قەدىرلەش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەمدە يېڭى دەۋر ئەمەلىيىتىدە ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش شەرت.

يەتتىنچى قىسىم «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى». بۇ قىسىمدا، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تۇتقان ئىشنى بوشاشتۇرۇپ قويمايدىغان قەتئىيلىك بىلەن بەلگىلەنگەن نىشاننى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەيدىغان سەگەكلىك بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشى كېرەكلىكىنى؛ پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى مەۋقە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنى بېيىتىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، جۇڭگونى گۈزەللەشتۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتىشى شەرت ئىكەنلىكىنى؛ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشى شەرت ئىكەنلىكىنى؛ خەۋپ - خەتەرنى ئەستىن چىقارمىغان روناق تاپۇر، راھەت - پاراغەتكە بېرىلگەن ھالاك بولۇر دېگەن ھېكمەتنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ، دائىم كېلەچەكنىڭ غېمىنى يەپ، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشى شەرت ئىكەنلىكىنى؛ ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت زور تەدبىرنى چىڭ تۇتۇشى شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدۇق. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۆتمۈشتىكى ئازاب - ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي، ھازىرقى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتكە مۇناسىپ ئىش قىلىپ، كەلگۈسى ئۇلۇغ ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىنى يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا چاقىردۇق.

يولداشلار! بۇ قارارنى قاراپ چىقىش ۋە ماقۇللاش بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى. ھەممەيلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارىخ، ھازىر ۋە كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇپ ۋە ئىگىلەپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسىتىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجابىي پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلىكتە بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننى ياخشى ئاچايلى، قارار لايىھەسىگە ياخشى تۈزىتىش كىرگۈزەيلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.