تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

【سۈرەتتىكى شىنجاڭ】 شىنجاڭ ئورقۇ موگۇيچېڭى: تاڭ شەپىقىدە ئەكس ئەتكەن چۆللەر

ئاپتور: چېن گۇڭچىڭ 

    شىنجاڭ قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى ئورقۇ كان رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، قاراماي شەھىرىگە 100 كىلومېتىر كېلىدۇ، يەنە «شامال شەھىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ تىپىك يارداڭ يەر شەكلىگە تەۋە. گېئولوگىيەدە «چۆللۈكتىكى تۆپىلىك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ،  تۆپىلىكلەر ئارىسىدا دائىم بوران چىقىپ، ھەرخىل ئاۋازلارنى پەيدا قىلغاچقا موگۇيچېڭ دەپ ئاتالغان. ئورقۇ رايونى موگۇيچېڭ مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىدۇر. 

   بوران ۋە يامغۇرنىڭ تەسىرى، كەڭ تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچى موگۇيچېڭنىڭ يەر يۈزىنى چوڭقۇر-تېيىزلىقى ئوخشاش بولمىغان جىلغىلار ۋە ئېگىز-پەس گىرەلىشىپ كەتكەن تۆپىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويغانىدى. تاڭ قۇياشى ئاستىدا، موگۇيچېڭ سىرلىق ھەم گۈزەل كۆرۈنەتتى.

(ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى)

«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.