تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

(2021-يىل 11-ئاينىڭ 11–كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى 2021-يىل 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېتنىڭ 197 ئەزاسى ۋە 151 كاندىدات ئەزاسى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى سىرتتىن قاتناشتى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئىچىدىكى قىسمەن ئاساسىي قاتلامدىكى يولداشلار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارمۇ سىرتتىن قاتناشتى.

ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

ئومۇمىي يىغىن شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ۋە مۇزاكىرە قىلدى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى»نى، «پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىنى چاقىرىش توغرىسىدىكى قارار»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. شى جىنپىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» (مۇزاكىرە نۇسخىسى) ھەققىدە ئومۇمىي يىغىنغا ئىزاھات بەردى.

ئومۇمىي يىغىن مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. يىغىن بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: بىر يىلدىن بۇيان، دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا يامرىشىنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىدە، تاشقى مۇھىت تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ ۋە كەسكىنلىشىپ كەتتى، دۆلەت ئىچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرى ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە جاپالىق بولدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ئومۇمىيىتى بىلەن خەلقئارا ئومۇمىيەتنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ بىرقەدەر ياخشى تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلاپ، پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز قەرەلىدە غەلىبە قازىنىپ، خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىپ، كۆپ خىل ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەردىن غالىپ كېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش تېمىسىدىكى بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىنغانلىقىنى رەسمىي جاكارلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىدىغان يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئومۇمىي يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەش ‐‐ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل تولغان تارىخىي شارائىتتا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى؛ سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىردەك قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئېھتىياجى؛ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ كۈرەش ئىقتىدارى ۋە خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشنىڭ ئېھتىياجى. پۈتۈن پارتىيە ماتېرىيالىستىك تارىخىي قاراش ۋە توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىن بۇرۇن نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ يېتىپ، كەلگۈسىدە قانداق قىلساق ئۈزلۈكسىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدىغانلىقىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى تېخىمۇ قەتئىي، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا تېخىمۇ ياخشى چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1921-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى قىلىپ، كوممۇنىزم غايىسى ۋە سوتسىيالىزم ئېتىقادىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنى باي-قۇدرەتلىك، خەلقنى بەختىيار قىلىش يولىدا بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، 100 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. پارتىيە ۋە خەلق 100 يىللىق كۈرەش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ يۈكسەك تارىخىي داستاننى پۈتۈپ چىقتى.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب مەزگىلىدە، پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئاساسلىق ۋەزىپە جاھانگىرلىك، فېئودالىزم، بىيۇروكرات كاپىتالىزمغا قارشى تۇرۇپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈپ ئىجتىمائىي شارائىت يارىتىش ئىدى. ئىنقىلابىي كۈرەش جەريانىدا، يولداش ماۋ زېدۇڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جاپا-مۇشەققەتلىك ئىزدىنىش، غايەت زور بەدەل تۆلەش ئارقىسىدا بىر قاتار ئىجادىي تەجرىبىلەرنى نەزەرىيەۋى يەكۈنلەپ، يېزا ئارقىلىق شەھەرنى قورشاش، ھاكىمىيەتنى قوراللىق تارتىۋېلىشتەك توغرا ئىنقىلاب يولىنى ئېچىپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى يارىتىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئېگىلمەي-سۇنماي قان كېچىپ جەڭ قىلىپ، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابتا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، مىللەتنى مۇستەقىللىققە، خەلقنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرۈپ، كونا جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەت تارىخىغا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچىلار كەڭ ئەمگەكچى خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان تارىخقا ئۈزۈل-كېسىل خاتىمە بېرىپ، كونا جۇڭگونىڭ قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن ھالىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر جۇڭگوغا مەجبۇرىي تاڭغان تەڭسىز شەرتنامىلەر ۋە جاھانگىرلىكنىڭ جۇڭگودىكى بارلىق ئىمتىيازلىرىنى تەلتۆكۈس بىكار قىلىپ، جۇڭگودا نەچچە مىڭ يىل داۋام قىلغان فېئودال مۇستەبىت سىياسىيدىن خەلق دېموكراتىيەسىگە ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، دۇنيانىڭ سىياسىي ئەندىزىسىنىمۇ زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ، دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى مىللەت ۋە خەلقلەرنىڭ ئازادلىققا ئېرىشىش يولىدىكى كۈرەشلىرىگە ئىلھام بەردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەشلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تەنتەنىلىك جاكارلىدىكى، جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇردى، باشقىلار جۇڭخۇا مىللىتىنى خالىغانچە تالان-تاراج قىلىدىغان، بوزەك قىلىدىغان دەۋر كەلمەسكە كەتتى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يېڭى ئېراغا قەدەم قويدى.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش مەزگىلىدە، پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئاساسلىق ۋەزىپە يېڭى دېموكراتىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىپ، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈپ سىياسىي ئالدىنقى شەرت ھازىرلاش ۋە تۈزۈم ئاساسى سېلىش ئىدى. بۇ مەزگىلدە، يولداش ماۋ زېدۇڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا ئالاقىدار بىر قاتار مۇھىم ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى ـــ ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ جۇڭگودىكى ئىجادىي تەتبىقلىنىشى ۋە راۋاجى، جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىيەت تەرىپىدىن ئىسپاتلانغان توغرا نەزەرىيەۋى پىرىنسىپى ۋە تەجرىبە يەكۈنى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى قېتىملىق تارىخىي ھالقىشى. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشتا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ ۋە چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەرقتىكى نامرات، قالاق، نوپۇسى كۆپ چوڭ دۆلەتنى مەزمۇت قەدەملەر بىلەن سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە باشلاپ كىرىشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. دۆلىتىمىزدە مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل سانائەت سىستېمىسى ۋە خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسى بەرپا بولدى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ئۆزگەردى، مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە ئىشلىرى زور تەرەققىي قىلدى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى زورايدى ۋە يۈكسەلدى، كونا جۇڭگونىڭ ھاقارەتلىك دىپلوماتىيەسى ئۈزۈل-كېسىل ئاخىرلاشتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەشلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تەنتەنىلىك جاكارلىدىكى، جۇڭگو خەلقى كونا دۇنيانى بۇزۇپ تاشلاشقا ماھىر بولۇپلا قالماي، يېڭى دۇنيا قۇرۇشقىمۇ ماھىر، جۇڭگونى پەقەت سوتسىيالىزملا قۇتقۇزالايدۇ، جۇڭگونى پەقەت سوتسىيالىزملا تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى مەزگىلىدە، پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئاساسلىق ۋەزىپە جۇڭگودا سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ توغرا يولى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ۋە ئىمكانقەدەر تېزرەك بېيىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە تولغان تۈزۈلمە كاپالىتى ۋە تېز تەرەققىي قىلىدىغان ماددىي شارائىتقا ئىگە قىلىش ئىدى. پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، يولداش دېڭ شياۋپىڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىجابىي، سەلبىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك دېگەن تۈپ مەسىلىنى چۆرىدەپ، دۇنيا سوتسىيالىزم تارىخىدىكى تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى ياراتتى، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش توغرىسىدا تارىخىي قارار چىقاردى، سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەننى بېكىتىپ، ئۆز يولىمىزدا مېڭىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشقا دائىر بىر قاتار ئاساسىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، 21-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى بېكىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيە 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، يولداش جياڭ زېمىننى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىزم دېگەن نېمە، سوتسىيالىزمنى قانداق قۇرۇش كېرەك ۋە قانداق پارتىيە قۇرۇش كېرەك، پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەك دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدىكى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن، دۇنيا سوتسىيالىزمى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان كەسكىن سىناق ئالدىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قوغداپ قالدى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى ۋە ئاساسىي رامكىسىنى بېكىتىپ، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىنى بېكىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى 21-ئەسىرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ كىردى.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، يولداش خۇ جىنتاۋنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش مۇساپىسىدە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە قانداق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، قانداق تەرەققىي قىلىش كېرەك قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى شەكىللەندۈردى، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىپ، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك، ماس، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشنى تەكىتلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى ۋە ئىلغارلىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ مەزگىلدە، پارتىيە يېڭى ئەمەلىيەت ۋە دەۋر شارائىتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشقا دائىر تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات باسقۇچى، تۈپ ۋەزىپە، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، سىياسىي كاپالەت، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ئىستراتېگىيە، رەھبەرلىك كۈچى ۋە تايانچ كۈچ قاتارلىق بىر قاتار ئاساسىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا يېڭى ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، دۆلىتىمىز يۈكسەك مەركەزلەشكەن پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىدىن ھاياتىي كۈچكە تولغان سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىگە، بېكىنمىلىك، يېرىم بېكىنمىلىكتىن ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشكە ئۆتۈشتەك تارىخىي بۇرۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى نىسبەتەن قالاق بولۇش ھالىتىدىن ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتۈشتەك تارىخىي بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى كىيىم پۈتۈن، قورساق توق بولماسلىق ھالىتىدىن ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا ئاتلىنىشتەك تارىخىي ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقا ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشىنى ئالغا سىلجىتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەشلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تەنتەنىلىك جاكارلىدىكى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ـــ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق تەدبىر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ـــ جۇڭگونى تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە باشلايدىغان توغرا يول، جۇڭگو مەزمۇت قەدەملىرى بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋالدى.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى. پارتىيەنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئاساسلىق ۋەزىپە بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەش ئىدى. پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىشەنچ بىلەن ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېڭى ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ياراتتى. يولداش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، قانداق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش كېرەك، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەتنى قانداق قۇرۇش كېرەك، قانداق ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش كېرەك، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇش كېرەك قاتارلىق مۇھىم، زور دەۋر تېمىلىرى ھەققىدە دۆلەت ئىدارە قىلىشقا دائىر بىر قاتار ئىجادىي يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇ ــ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21-ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋرىمىزدىكى جەۋھىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا يېڭى ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پارتىيە يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق ۋە پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى بېكىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى تىكلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، دۆلەت ئىچى ئومۇمىيىتى بىلەن خەلقئارا ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى تولۇق ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور فاڭجېن، سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم، زور خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار زور خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىرمۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىرمۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ياساشقا تۈرتكە بولدى.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش جەھەتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە بولدى، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمى سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش ئۇسۇلى تېخىمۇ ئىلمىيلىشىپ، پۈتۈن پارتىيە ئىدىيە جەھەتتە تېخىمۇ بىرلىككە كېلىپ، سىياسىي جەھەتتە تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەت جەھەتتە تېخىمۇ بىردەك بولدى، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ئىقتىدارى، ئاممىۋى تەشكىللەش ئىقتىدارى، ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش جەھەتتە، پارتىيەنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، پارتىيەنى باشقۇرۇش-ئىدارە قىلىش كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش ئەھۋالى تۈپتىن ئۆزگەردى، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە مۇتلەق غەلىبە قولغا كەلدى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەندى، پارتىيە ئىنقىلابىي تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ كۈچەيدى. ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتتە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، ماسلىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدى، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويدى. ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە، پارتىيە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدۈرۈپ ۋە تۇراقلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى يېڭى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدۇردى. سىياسىي قۇرۇلۇش جەھەتتە، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ تۈزۈملىشىشى، قېلىپلىشىشى، تەرتىپلىشىشى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى تېخىمۇ ياخشى جارى بولۇپ، جانلىق-جۇشقۇن، تىنچ-ئىتتىپاق سىياسىي ۋەزىيەت مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش جەھەتتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللىشىپ، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى، پارتىيەنىڭ قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جەھەتتە، دۆلىتىمىز ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ۋەزىيىتىدە ئومۇمىيەتلىك، نېگىزلىك ئۆزگىرىش بولدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش جەھەتتە، خەلق تۇرمۇشى ھەر تەرەپلىمە ياخشىلاندى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش، قانۇنچىللىشىش، ئەقلىيلىشىش، كەسىپلىشىش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال-خۇرام ئىشلەيدىغان، جەمئىيەت تىنچ، تەرتىپلىك بولغان ياخشى ۋەزىيەت راۋاجلىنىپ، جەمئىيەت ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇش مۆجىزىسى داۋاملىق پۈتۈلدى. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى مىسلىسىز سالماق بىلەن چىڭ تۇتتى، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا مۇھىم، زور قەدەم تاشلاندى، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتا تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، ئومۇملۇق خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش بولدى. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتە، خەلق ئارمىيەسى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىنىپ، يېڭىباشتىن جابدۇنۇپ سەپەرگە ئاتلاندى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچ بىلەن ماس قەدەمدە ئاشتى، خەلق ئارمىيەسى يېڭى دەۋردىكى بۇرچى ۋە ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، قەيسەرانە كۈرەش قىلىش روھى ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدىدى. دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش جەھەتتە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچىيىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، ئىدېئولوگىيە، تەبىئەت دۇنياسى قاتارلىق تەرەپلەردىن كەلگەن خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى. «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تا چىڭ تۇرۇش ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەيدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش»نى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شياڭگاڭ ۋەزىيىتىدە قالايمىقانچىلىقتىن تۈزىلىشكە ئۆتۈشتەك مۇھىم، زور بۇرۇلۇش بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى؛ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «92-يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ يېتەكچىلىك ھوقۇقى ۋە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىدى. دىپلوماتىيە خىزمىتى جەھەتتە، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىدى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش دەۋر ئېقىمى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان روشەن بايراققا ئايلاندى، دۆلىتىمىز دىپلوماتىيەسى دۇنياۋى زور ئۆزگىرىش داۋامىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، دۇنياۋى مالىمانچىلىق داۋامىدا خەۋپ-خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، يارىتىش كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىپ بارغان باتۇرانە كۈرەشلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تەنتەنىلىك جاكارلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.

ئومۇمىي يىغىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ھەققىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى، جۇڭگو خەلقى بوزەك بولۇش، ئېزىلىش، قۇل بولۇش تەقدىرىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇپ، دۆلەت، جەمئىيەت ۋە ئۆز تەقدىرىنىڭ ئىگىسىگە ئايلاندى، جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندى؛ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ توغرا يولىنى ئاچتى، جۇڭگو تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى نەچچە ئون يىلدىلا تاماملاپ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى ياراتتى؛ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشى ماركسىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، ماركسىزمنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ھەقىقەتلىكىنى جۇڭگودا تولۇق سىناقتىن ئۆتكۈزدى، ماركسىزمنىڭ خەلقچىللىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقىنى جۇڭگودا تولۇق ئىزچىللاشتۇردى، ماركسىزمنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە دەۋرچانلىقىنى جۇڭگودا تولۇق نامايان قىلدى؛ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشى دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىقىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىدە يېڭى ھالەت يارىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلەش يوللىرىنى كېڭەيتتى؛ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشى دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاۋلاپ چىقىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى مەنبە قىلغان مەنىۋى شەجەرە شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىسمى جىسمىغا لايىق ئۇلۇغ، شەرەپلىك، توغرا پارتىيە.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبە توپلىدى، ئۇ بولسىمۇ: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، مۇستەقىل-ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگو يولىدا چىڭ تۇرۇش، دۇنيانى كۆڭۈلگە پۈكۈشتە چىڭ تۇرۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، دادىل كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، بىرلىك سەپتە چىڭ تۇرۇش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ ئون قىممەتلىك تەجرىبە ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەتتىن توپلانغان، پارتىيە ۋە خەلق ئورتاق ياراتقان مەنىۋى بايلىق، شۇڭا ھەسسىلەپ قەدىرلەش، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەمدە يېڭى دەۋر ئەمەلىيىتىدە ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش شەرت.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغاندىلا، ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇلۇغۋار ئىشلىرىغا ئىرادە باغلىغان پارتىيە، 100 يىل دەل ئۇنىڭ قىرانلىق مەزگىلى. ئۆتكەن 100 يىلدا، پارتىيە خەلق ۋە تارىخقا ئەلا نەتىجىلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى. ھازىر، پارتىيە جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان يېڭى ئىمتىھانغا ئاتلاندى. پۈتۈن پارتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق پارتىيە، نېمە ئىش قىلىدۇ دېگەن تۈپ مەسىلىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تارىخىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر كەمتەر، ئېھتىياتچان بولۇپ، مەغرۇرلۇق-ئالدىراقسانلىق قىلماي، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، ھەرقانداق خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، ھەرقانداق كاشىلىدىن قايمۇقۇپ قالماي، نېگىزلىك مەسىلىلەردە ئەجەللىك خاتالىق سادىر قىلماي، تۇتقان ئىشنى بوشاشتۇرۇپ قويمايدىغان قەتئىيلىك بىلەن بەلگىلەنگەن نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەيدىغان سەگەكلىك بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى بوشاشماي ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىپ، دەۋرنى ئىگىلەپ، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى شەرت. پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىنى مەۋقە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، خەلقنى بېيىتىش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، جۇڭگونى گۈزەللەشتۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتىشى شەرت.

ئومۇمىي يىغىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشى شەرت. پۈتۈن پارتىيە خەۋپ-خەتەرنى ئەستىن چىقارمىغان روناق تاپۇر، راھەت-پاراغەتكە بېرىلگەن ھالاك بولۇر دېگەن ھېكمەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دائىم كېلەچەكنىڭ غېمىنى يەپ، تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى-پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، قىيىنچىلىق ئالدىدا تىز پۈكمەي، بېسىم ئالدىدا باش ئەگمەي، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى پاراخوتىنىڭ دولقۇن يېرىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى شەرت.

ئومۇمىي يىغىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىنى 2022-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بېيجىڭدا ئېچىشنى قارار قىلدى. ئومۇمىي يىغىن مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيەنىڭ 20-قۇرۇلتىيى پارتىيەمىز سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان مۇھىم پەيتتە چاقىرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. پۈتۈن پارتىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىختىكى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي، ھازىرقى بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتكە مۇناسىپ ئىش قىلىپ، كەلگۈسى ئۇلۇغ ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تارىخنى ئەينەك قىلىپ، كەلگۈسىگە يول ئېچىپ، جاپاغا چىداپ باش چۆكۈرۈپ ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا چاقىردى. قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئۆتكەن 100 يىلدا ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان-شەرەپ قۇچقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جەزمەن تېخىمۇ ئۇلۇغ غەلىبە ۋە شان-شەرەپ قۇچالايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.