شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى (مۇخبىر سۇ چۈەنيى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار زۇلھايات ئەكرەم، خالىق، ئابلىتىپ) ھازىر، شىنجاڭ قاراقاش دەرياسى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى، سۈپسۈزۈك دەريا سۈيى يىلاندەك تولغىنىپ قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە ئېقىپ كىرىپ، قىرغاقتىكى سېرىق قۇم، ئالتۇن رەڭلىك توغراق، قومۇشلار بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسن قوشتى.
قاراقۇرۇم تېغىدىن باشلانغان قاراقاش دەرياسى شىمالغا قاراپ ئېقىپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق ــــ تەكلىماكان قۇملۇقىغا كىرىدۇ، شۇ جايدىكى يورۇڭقاش دەرياسىغا ئوخشاش، خوتەن قاشتېشى كۆپ چىققانلىقى بىلەن داڭلىق.