تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ساداقەتمەنلىك بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش تىنچ - ئامانلىقنى قوغداش

تاۋ يۇڭشېڭ:

​ساداقەتمەنلىك بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش   تىنچ - ئامانلىقنى قوغداش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

«بىر ئۆمۈر سادىق بولۇپ، گۈللەنگەن دەۋرنىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدايمەن» دېگەن ساداقەتمەنلىككە ئەمەل قىلىپ، ساقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان 20 نەچچە يىلدا، قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نەزەرباغ ساقچىخانىسىنىڭ جىداۋيۈەنى تاۋ يۇڭشېڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا «قاتتىق» بولۇش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتا «مۇلايىم» بولۇش ئارقىلىق، ھەممە ئائىلىنىڭ تىنچ - ئامانلىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ سىردىشىغا ئايلاندى.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى بىزنى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىق، ئىناقلىقنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا باشتىن - ئاخىر ئىلھاملاندۇرۇپ كەلمەكتە.» 2014 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى نەزەرباغ ساقچىخانىسىدا خەلق ساقچىلىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلىگىنىدە، تاۋ يۇڭشېڭ ھەمىشە قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ.

نەزەرباغ ساقچىخانىسى شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، كۆچمە نوپۇس بىرقەدەر كۆپ، ئامانلىق ساقلاش مۇھىتى مۇرەككەپ ئىدى. تاۋ يۇڭشېڭ باشتىن - ئاخىر چىن ھېسسىيات ۋە ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» ئەسلىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خىزمىتى ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ئاممىنى زىيارەت قىلىش، قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىش، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى ئۇنتۇمىدى. ئۇ مائاشىغا قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ ئېلىپ بەردى، تەۋەلىكىدىكى ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاممىنىڭ ئىش ئورنى تېپىشىغا ياردەم بەردى، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى بىرلىكتە ھەل قىلىپ بەردى.

2020 - يىلىنىڭ بېشىدا، تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، تاۋ يۇڭشېڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن جەڭگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ساقچىخانىدىكى بارلىق خادىملارنى تەشكىللەپ پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت ئەترىتى، ياشلار زەربىدارلار ئەترىتى قۇرۇپ، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى ۋە ئورۇنلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلدى.

2020 - يىلى 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى كەچتە، قەشقەر شەھىرىدە تۇيۇقسىز قارا يامغۇر، مۆلدۈر يېغىپ كەتتى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق ياغقان يامغۇردىن تەۋەلىكتىكى يوللارغا سۇ يىغىلىپ قالدى. تاۋ يۇڭشېڭ خەلق ساقچىلىرىنى باشلاپ سۇ ئەڭ كۆپ يىغىلىپ قالغان جايغا كېلىپ، ئىشتاننىڭ پۇچقىقىنى تۈرۈپ يىغىلىپ قالغان سۇلارنى تازىلاپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە بۇيۇملارنى يۆتكەشكە ياردەملەشتى. تۆت سائەت ئۇدا كۈرەش قىلغاندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرىنىڭ كىيىملىرى پۈتۈنلەي ھۆل بولۇپ كەتتى، ھەم توڭلاپ، ھەم ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن قىلچە چېكىنمىدى.

ئارقىدىن، تاۋ يۇڭشېڭ يەنە خىزمەتداشلىرى بىلەن چوڭ - كىچىك كوچىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تامنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن - چۈشمىگەنلىكى، تام يۈزىدە يېرىق بار - يوقلۇقىنى تەكشۈردى...

«پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خىزمەت قىلغاندا ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك!» دېدى تاۋ يۇڭشېڭ.

نەزەرباغ ساقچىخانىسىنىڭ كۈندىلىك مەشىقى ئەمەلىي جەڭ ئۆلچىمى بويىچە ئېلىپ بېرىلاتتى، 45 ياشلىق تاۋ يۇڭشېڭنىڭ بەدەن ساپاسى ساقچىخانىدىكى يىگىتلەرنىڭكىدىن قىلچە قېلىشمايدۇ. 2020 - يىلى قەشقەر شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تەشكىللىگەن پۈتۈن ساقچىلار ئەمەلىي جەڭ چوڭ مەشىقى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش پائالىيىتىدە، ئۇ ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرىنى يېتەكلەپ كوللېكتىپ بىرىنچى بولۇش، ئىككى يەككە تۈردە بىرىنچى بولۇشتەك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ بەش مۇسابىقە تۈرىنىڭ ھەممىسىگە تولۇق قاتناشتى.

«مەن ياشلارغا ماھارىتىم ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارغا ھەربىر قېتىملىق رىقابەتتە، ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئۆزى يېڭىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.» تاۋ يۇڭشېڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 2020 - يىلى 7 - ئايدا، نەزەرباغ ساقچىخانىسى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن «مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى پۈتۈن ساقچىلار ئەمەلىي جەڭ چوڭ مەشىقىدىكى ئۈلگىلىك كوللېكتىپ» بولۇپ باھالاندى.

تەۋەلىكتە ئامانلىق دېلولىرى زور دەرىجىدە ئازايدى، جىنايى ئىشلار دېلولىرى يۈزبەرمەسلىك ئىشقا ئاشۇرۇلدى، زىددىيەت - ماجىرالار بىرمۇبىر ھەل قىلىندى... نەزەرباغ ساقچىخانىسى خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، چىرايلىق نەتىجە قەغىزى تاپشۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ساقچىخانا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شەرەپ بىلەن بىر قېتىم كوللېكتىپ 2 - دەرىجىلىك، تۆت قېتىم كوللېكتىپ 3 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.