تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى​

جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن لۈ نا، جاڭ جىڭ، بايىنغولىن مۇخبىرلار پونكىتىدىن جاڭ خۇيجياڭ، لى لىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ، كەنت - بازار، باغچە رايونىدىكى كارخانا، تۈر قۇرۇلۇشى بىرىنچى سېپى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بىرلىكتە ئۆگىنىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشىغا تۈرتكە بولدى.

يۈسۈپجان مەمەت باي ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 - ئومۇمىي يىغىنى، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باي ناھىيەسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئېلزات ئەخمەتجان يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى، كۆكتوقاي ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش، ئومۇملاشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى دائىملىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبتە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى يولغا قويۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈرلەرنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يېشىل، ئېكولوگىيەلىك شەھەر بەرپا قىلىش كېرەك؛ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

قادېن كەبىن شايار ناھىيەسى، لوپنۇر ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللىشى، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، قىزغىن دولقۇن قوزغىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ تەپسىلىي كۆزىتىپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىلمىي پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە توغرىلىنىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش، ياخشىلاشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.