تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​ئىككى يىل ئىشلەپلا 60 مىڭ يۈەن ئامانەت قويدۇق

ئىمىنجان ئەر - خوتۇن:

​ئىككى يىل ئىشلەپلا 60 مىڭ يۈەن ئامانەت قويدۇق

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو

«دىت - دىت.» 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، ئىمىنجان مۇقەررەپنىڭ ۋىيشىنى جاراڭلىق سايرىدى، خوتۇنى ئوغلەم ئابلىز ۋىيشىن ئارقىلىق ئۇنىڭغا 4000 يۈەن پۇل ئەۋەتىپ بەرگەنىدى.

«دادىسى، بۇ، بۈگۈن ماڭا تارقىتىلغان مائاش.» ئارقىدىنلا، ئوغلەم ئىمىنجانغا ئاۋازلىق ئۇچۇر يوللىدى.

«مېنىڭ بۇ ئايلىق مائاشىم 3200 يۈەندىن كۆپرەك بوپتۇ، ئامانەت پۇلىمىز يەنە كۆپەيدى، داۋاملىق تىرىشايلى» دېدى ئىمىنجان جاۋابەن.

بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن ئىمىنجان ئاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسى شاقۇر كەنتىدىن بولۇپ، ئوغلەم ئىككىسى ئاقسۇ شىنجۆ توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى.

2017 - يىلىدىن بۇرۇن، ئۇ ئاتا - ئانىسى بىلەن ئائىلىسىدە تېرىقچىلىق قىلاتتى، بەزىدە سىرتقا چىقىپ ئىشلەيتتى. ئۇ بەش - ئالتە يىل ئىشلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا بىر تىيىنمۇ پۇل يىغالمىغانىدى. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى ئۆزى پۇل تېپىپ پۇل ئامانەت قويۇش ئىدى.

2017 - يىلى 12 - ئايدا، يېڭىئېرىق يېزىسى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئورنىنىڭ ياردىمىدە، ئۇ ئاقسۇ شىنجۆ توقۇمىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ ئىشلىدى. خىزمەت فورمىسى كىيىش، ياتاقتا يېتىش، ھەر كۈنى ۋاقتىدا ئىشقا بېرىپ - كېلىش... ئىلگىرى ئىمىنجان پەقەت ئاڭلاپلا باققان بۇ خىل تۇرمۇش رېئاللىققا ئايلانغانىدى.

ئىمىنجاننى تېخىمۇ خۇشال قىلغىنى شۇكى، ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇل تاپالايدىغان بولدى. «شىركەت ھەر ئاينىڭ 25 - كۈنى دەل ۋاقتىدا مائاش تارقىتىدۇ، ھەر ئايدىكى بۇ كۈن مەن ئەڭ خۇشال بولىدىغان كۈن».

مۇقىم كىرىم بار بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىركەت ياتاق - تاماققا كاپالەتلىك قىلغاچقا، تۇرمۇش چىقىمى ناھايىتى ئاز بولدى. ئىمىنجان يېقىن ئەتراپتىكى بانكىغا بېرىپ بىر بانكا كارتىسى بېجىرىپ، ھەر ئايلىق مائاشىدىن پارچە - پۇرات خىراجەتكە ئازراق پۇل ئېلىپ قېلىپ، قالغىنىنىڭ ھەممىسىنى بانكا كارتىسىغا سېلىپ قويدى.

«يېڭى كەلگەن ۋاقتىمدا، تېخنىكام ياخشى ئەمەس، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى سەۋىيەممۇ يۇقىرى ئەمەس بولغاچقا، مائاشىم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى» دېدى ئىمىنجان. ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى ئېنىق تونۇغاندىن كېيىن، ئىمىنجان تېخنىكا ۋە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە باشلىدى.

خىزمەت قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئۇ خوتۇنى ئوغلەمگىمۇ شىركەتكە كېلىپ خىزمەت قىلىش تەكلىپىنى بەردى. تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، ئوغلەم شىركەت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ھاۋا ئېقىمى ئارقىلىق يىپ ئېگىرىش سېخىنىڭ بىر ئېگىرىش ئىشچىسى بولدى. ئوغلەم ئېرىگە ئوخشاش تىرىشىپ ئۆگەندى، ئۇ دائىم پېشقەدەم خىزمەتچىلەردىن مەسلىھەت سورايتتى، ئۇزاق ئۆتمەي پىشقان ئىشچى بولۇپ قالدى، دەسلەپتە ئىككى ئادەم بىر ماشىنىغا نۆۋەتچىلىك قىلىپ قارايتتى، ھازىر بىر ئادەم بىر يېرىم ماشىنىغا قارايدىغان بولدى. ئوغلەمنىڭ خىزمىتىدە ئىشلىگەن ئىشىغا قاراپ مائاش بېرىلەتتى، ئۇنىڭ مائاشى خىزمەت مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ باردى.

2020 - يىلىغا كەلگەندە، ئىمىنجان ئەر - خوتۇننىڭ بانكا كارتىسىدىكى ئامانەت پۇل 60 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، ئىككىيلەننى قەۋەتلا خۇشال قىلىۋەتتى.

ئامانەت پۇلى بار بولغاندىن كېيىن، ئىمىنجان بىلەن ئوغلەم ئۆزلىرىنىڭ يېڭى تۇرمۇشىنى پىلانلاشقا باشلىدى، ئۇلار ئاقسۇ شەھىرىنىڭ لىنيۈەن ئولتۇراق رايونىدىن 75 كىۋادرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش بىنا ئۆي سېتىۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىيلەن نوپۇسىنى ئاقسۇ شەھىرىگە يۆتكىدى، يەنە بالىلىرىنى ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائەت باغچە رايونى باشلانغۇچ مەكتىپىگە ئوقۇشقا بەردى.

«ھازىر بىزنىڭ يېڭى نىشانىمىز بار بولدى، بەش يىلدىن كېيىن رەنىلىك قەرز پۇلنى قايتۇرۇپ بولۇپلا قالماي، يەنە بالىلارغا مائارىپ خىراجىتى غەملەيمىز.» ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئورتاق نىشانى ئۈستىدە توختالغاندا، ئىمىنجاننىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.