تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى موتورغا ئايلاندى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېڭى ماتېرىيال كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20 ئەتراپىدا ئاشتى؛ جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى؛ 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە پاكىز ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 44 مىليون 479 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنىڭ %42.3ىنى ئىگىلىدى... بۇ گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ نەتىجە قەغىزى.

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10تىن يۇقىرى تېز سۈرئەتلىك ئېشىشنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغان ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان كۈچلۈك موتورغا ئايلانغان.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تىپنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك تۇتقا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىش، بەرپا قىلىش ئارقىلىق، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش، بىيو ۋە بىيو تېببىي دورىگەرلىك، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپ سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. بەش يىلدىن بۇيان، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنىڭ سانائەت قوشۇلما قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %12تىن كۆپرەك ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %8.47 بولدى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى ماتېرىيال كەسپىدە كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال، مېتال يېڭى ماتېرىيالى، خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىيالى، بىيو يېڭى ماتېرىيالى قاتارلىقلار ئاساس قىلىنغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپ سىستېمىسى شەكىللەندى، 2020 - يىلى كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي مەھسۇلات مىقدارى 257 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %46.2ىنى ئىگىلىدى. يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىدە شامال كۈچى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كەسىپ توپى ۋە بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى، 2020 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 35 مىليون 610 مىڭ كىلوۋاتقا يەتتى. ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش، تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى تەتۈر ئۆزگەرتكۈچ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك جابدۇقلارنى تەتقىق قىلىپ ياساش دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتتى، 2020 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ياسىمىچىلىق كەسپىدە ئورۇندالغان سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 65 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %54.7 ئاشتى. بىيو ۋە بىيو تېببىي دورىگەرلىك كەسپىدە شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىيو تېببىي دورىگەرلىك كەسپىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، بىيو ياسىمىچىلىق، بىيو يېزا ئىگىلىكىنى تىرەك قىلغان «بىر گەۋدە، ئىككى قانات» تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، 2020 - يىلى كۆلەمدىن يۇقىرى تېببىي دورىگەرلىك سانائىتى كارخانىلىرى ئورۇندىغان قوشۇلما قىممەت 3 مىليارد 380 مىليون يۈەن بولدى. يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىنىڭ كۆلىمى، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى مۇقىم ئاشتى، 2020 - يىلى رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ GDPسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %27.3كە يەتتى. ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش كەسپى جەھەتتە قالدۇق ئىسسىقلىقتىن توك چىقىرىش، دومنا پېچ كۆمۈر گازىدىن توك چىقىرىش، دومنا پېچ چوققىسى بېسىم پەرقىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش، چاستوتا ئۆزگەرتىپ سۈرئەت تەڭشەش قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور ئېنېرگىيە تېجەش تېخنىكىلىرى قوللىنىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايون يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇپ، خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىيالى، كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال، ئاليومىننى ئاساس قىلغان، مىسنى ئاساس قىلغان، تىتاننى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال، بىيو ۋە بىيو تېببىي دورىگەرلىك، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇقتىلىق ئەۋزەل كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ؛ «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ۋە يەككە تۈرلەردە چېمپىيون كارخانىلارنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىدۇ؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسە تورى، رايون - بۆلەك زەنجىرى قاتارلىق يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە ئاپتونوم رايوندىكى ئون چوڭ نۇقتىلىق كەسىپ بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى زورايتىدۇ؛ «14 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا تىجارەت كۆلىمى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان تەخمىنەن ئون كەسىپ گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرۈشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، كەسىپ زەنجىرى، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىرقەدەر مۇكەممەل، بەلگىلىك رىقابەت كۈچىگە ئىگە، 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان تەخمىنەن ئون كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.