تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش «چىمىڭ ھەرىكىتى»: ياردەمگە ئېرىشكەن تېخىمۇ كۆپ بالىنى ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش

  [شىنجاڭغا ياردەم بېرىش گۈزەل كارتىنىلىرى]

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىر يې شىتىڭ خەۋەر قىلىدۇ) «نەشپۈت، ئالما، ياڭاق ... ئاۋازىمنى دىققەت بىلەن ئاڭلاڭ، ئېغىزىمغا قارىماي، قۇلىقىڭىز بىلەن ئاڭلاڭ.» 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك چىمىڭ مەكتىپى گاس بالىلار تىل مەشىقى مەركىزى ۋە سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىق بازىسىدا، جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەمگە بېرىش بويىچە مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش «چىمىڭ ھەرىكىتى»دە ياردەمگە ئېرىشكەن بالىلار مەشىقنى قوبۇل قىلىۋاتاتتى.

  جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش «چىمىڭ ھەرىكىتى» 9-ئاينىڭ بېشىدا باشلانغان، 1-قارارلىق سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان 11 بالا ۋە ئاڭلاشقا ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن بەش بالا سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە  يېرىم ئايلىق مەشىقنى قوبۇل قىلدى.

  ياردەمگە ئېرىشكەن بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، جېجياڭ ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچى، جېجياڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-داۋالاش مەركىزى ئاڭلاش مەشىقى بۆلۈمىنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يېتەكچىسى جىن چېنجيېنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك چىمىڭ مەكتىپى گاس بالىلار تىل مەشىقى مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوقۇتۇشىنى سىستېمىلىق قانات يايدۇرۇپ، دەرستىن بۇرۇنقى تۈرلۈك ئاڭلاش، سۆزلەش ئىقتىدارىنى باھالاشنى تاماملاپ، ھەر بىر بالىغا خاس سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىشنى ئۈنۈملۈك ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جىن چېنجيې يەنە ئوقۇتقۇچىلارغا سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسىگە ئالاقىدار بىلىملەرنى ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ماھارەتلىرىنى چۈشەندۈرۈپ، بالىلارنىڭ ئاڭلاشقا ياردەم بېرىش ئۈسكۈنىسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشى ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ سىجىل يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  «ئاڭلاش ۋە سۆزلەش مەشىقى بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئالدى بىلەن ئاددىي بىر تاۋۇشتىن باشلاپ بالىلارغا بۇ ئاۋازنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى ئاۋازغا ئاساسەن ئاستا-ئاستا تەقلىد قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز، ئاندىن ئاستا-ئاستا سۆزگە، قىسقا جۈملىگە، ئاندىن ئۇزۇن جۈملىگە ئالماشتۇرىمىز. ھازىر، بىر قانچە بالا سۆزلەرنى ئەگىشىپ ئوقۇيالايدۇ، ئۈنۈمى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولدى» دېدى جىن چېنجيې.

  يەتتە ياشلىق گۈلگىنەنىڭ دەرسخانىدىكى ئىپادىسى بارغانسېرى ياخشى بولدى، دەسلەپكى قورقۇنچاق ھالەتتىن ھازىرقى باتۇرلۇق بىلەن ئىپادىلەشكىچە ئۆگىنىشتىكى تەشەببۇسكارلىقىمۇ خېلىلا ئاشتى. ھازىر، گۈلگىنە ئاۋازنى ئاڭلىيالاپلا قالماي، يەنە تۆت-بەش خەتلىك قىسقا جۈملىلەرنى ئاڭلاپ، مۇكەممەل ھەم ئېنىق قايتۇرۇپ ئېيتىپ بېرەلەيدىغان بولدى، بۇ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىق پىلانىدىكى مۆلچەردىن ئېشىپ كەتتى.

    مۇخبىرنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش «چىمىڭ ھەرىكىتى»نىڭ 2-قارارى 11-ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن، نۆۋەتتە مېيىپ بالىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ ئىلغاپ تەكشۈرۈش ھەرىكىتى باشلانغان. «چىمىڭ ھەرىكىتى»نىڭ 2-قارارىدا جېجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بايلىقىغا تايىنىلىدىكەن، ئىلغاپ تەكشۈرۈپ باھالاش داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى تەشكىللىنىدىكەن، يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىدىكى بارلىق گۇمانىي ۋە كىنىشكىسى بار مېيىپلەر ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ جەملىنىپ، تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىنىپ، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئوبيېكتلىرى تۈرگە ئايرىپ بېكىتىلىپ، «چىمىڭ ھەرىكىتى»نىڭ داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇشىغا قولايلىق يارىتىلىدىكەن ھەمدە ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىشنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، مۇددەتكە، تۈركۈمگە بۆلۈپ، قۇتقۇزۇش، داۋالاش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانى تۈزۈلۈپ، جېجياڭدىكى مۇتەخەسسىسلەر تۈرگە، تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ شىنجاڭغا بېرىپ ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللىنىپ، 2022-يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش تىرىشىپ تاماملىنىپ، قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قۇتقۇزۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى