تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«قابىل شۇجى»نىڭ كەنتنى ئىدارە قىلىشتا تەدبىرى بار

جيا شىنلۇڭ:

«قابىل شۇجى»نىڭ كەنتنى ئىدارە قىلىشتا تەدبىرى بار

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر لياڭ خۇڭتاۋ

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، سانجى شەھىرى دەنبا بازىرى ئەرچى كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جيا شىنلۇڭ ئەتىگەنلىك يىغىن ئېچىپ، كەنت خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپلا، ئالدىراش ھالدا كەنتنىڭ كۆكتاتلارنى يېڭى ساقلاش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش بازىسى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىغا ماڭدى.

ئەرچى كەنتىنىڭ كۆكتاتلارنى يېڭى ساقلاش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش بازىسى تۈرىگە جەمئىي 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، بۇ يىل 8 - ئايدا ئىش باشلانغان بولۇپ، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە پۈتكۈزۈش پىلانلانغانىدى. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، بازىنىڭ مۇكەممەل سوغۇق زەنجىر ئەسلىھەسىدىن پايدىلىنىپ، كۆكتات قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ساقلاش ۋە تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن كەنتنىڭ كۆكتات تېرىقچىلىق كەسپىنى زورايتىش، كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

جيا شىنلۇڭ 2008 - يىلى ئەرچى كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغاندىن بۇيان، تەشكىلنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنى يېتەكلەپ بارلىق ئامال - چارىلەر بىلەن تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئەرچى كەنتىنى يىراق - يېقىنغا داڭلىق «چولپان كەنت»كە ئايلاندۇردى، جيا شىنلۇڭمۇ كەنت ئاھالىلىرى تەرىپىدىن «قابىل شۇجى» دەپ تەرىپلەندى.

بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنى «ئالدىن بېيىش»قا رىغبەتلەندۈرۈپ، يېتەكلەپ، باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «كېيىن بېيىشى»ىغا ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق قىلىپ، ئاخىرىدا ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جيا شىنلۇڭنىڭ كەنتنى ئىدارە قىلىشتىكى تەدبىرلىرىنىڭ بىرى.

بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «ئۆزىنىڭ بىر مو ئۈچ پۇڭ يېرىنىڭ ھۆددىسىدىنلا چىقىش»تەك كونا قارىشىنى بۇزۇپ تاشلاشقا توغرا كېلىدۇ. جيا شىنلۇڭ ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىرمۇبىر تەھلىل قىلىپ، قاراتمىلىق ھالدا كىرىمنى ئاشۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.

كەنت ئاھالىسى چوۋ شياۋفېڭ ئىلگىرى بىر باقمىچىلىق مەيدانىدا ئىشلەيتتى، جيا شىنلۇڭ ئۇنى ئۆگەنگەن ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بۆدۈنە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى. جيا شىنلۇڭ ئۇنىڭ مەبلەغ ماسلاشتۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، بۆدۈنە باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇشىغا ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، چوۋ شياۋفېڭنىڭ باقمىچىلىق بازىسىدا 60 مىڭدىن ئارتۇق بۆدۈنە بار بولۇپ، كۈندە يىغىۋېلىنىدىغان بۆدۈنە تۇخۇمى 400 كىلوگىرامدىن ئاشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باقمىچىلىق بازىسى يەنە 20 نەچچە ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى ھەم كەنتتىكى 60 تىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

جيا شىنلۇڭ يەنە كۆچەت ئۆستۈرۈش ئائىلىسى ما جيەندۇڭنى 1 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، سانجى شەھىرى سېنجىيۈەن كۆچەت ئۆستۈرۈش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا يېتەكلىدى؛ مەبلەغ سېلىش سودىگىرى نيې يۇڭشەننى كەنتتە يېمەكلىك پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇشقا جەلپ قىلدى، زاۋۇت شۇ كەنتتىكى 40 نەچچە ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى؛ يېمەك - ئىچمەك تىجارەت تەجرىبىسى بار كەنت ئاھالىسى لى ۋەنجۇڭنى «يىگو سەھرا ئىستىراھەت دېھقانلار ئارامگاھى» تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، يىلدا 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى ...

كەسىپلەرنىڭ خاسلىشىشى، كۆلەملىشىشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈكلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشمۇ جيا شىنلۇڭنىڭ كەنتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى.

ئەرچى كەنتىدە مېۋە - كۆكتات تېرىقچىلىقى ئاساس قىلىنغان، ئەمما تېرىلىشى تارقاق، ھوسۇلى ئاز، خاسلىق كەمچىل بولغاچقا، كۆلەملىشىش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرەلمىگەنىدى. بۇلتۇر جيا شىنلۇڭ ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى كۆپ تەرەپلىمە تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، سوغۇققا چىداملىق، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق، مەھسۇلات قىممىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان لۇسۈننى كىرگۈزۈپ تېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، لېكىن كەنت ئاھالىلىرىدە قىيىنچىلىقتىن قورقۇش كەيپىياتى بولغاچقا، سىناپ بېقىشنى خالىمىدى.

«كەنت ئاھالىلىرى ئەندىشە قىلىۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا بىز پارتىيەلىك كادىرلار ئاۋۋال سىناپ تېرىپ باقايلى» دېدى جيا شىنلۇڭ. ئارقىدىنلا كەنتتە چىنفېڭ لۇسۈن تېرىقچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، 200 مو كەنت كوللېكتىپ يېرى بىرىكتۈرۈلدى، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى تېرىقچىلىق مەبلىغى ۋە ئۇرۇق بىلەن تەمىنلىدى، پارتىيەلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن لۇسۈننى سىناق قىلىپ تېرىدى. لۇسۈن بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، مو بېشى ئۈنۈمى 6000 يۈەندىن ئارتۇق بولدى، پەقەت لۇسۈن تېرىپلا كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمى 120 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كۆپەيدى، ئەسلىدە ئىككىلىنىپ قالغان كەنت ئاھالىلىرى بەس - بەستە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەرچى كەنتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 60 چوڭ پارنىك ياساپ، كۆكتات تېرىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. كەنت يەنە شاخەي بېلىقچىلىقى ئىسسىق بەلباغ تاماشا بېلىقى بازىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم يېزا - كەنت ساياھەت تۈرلىرىنى قۇرۇپ، ئىلگىرىكى نوقۇل يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق كەنتىنى ئىستىراھەت - ئېكسكۇرسىيە، ئۈزۈشنى ھېس قىلىپ بېقىش، دالا سەيلىسى، دېھقان ئائىلىلىرى مەززىلىك تائاملىرى، ئۆزگىچە پۇقراۋى قونالغۇ قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن سەھرا ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىگە ئۆزگەرتتى. 2020 - يىلى كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمى 1 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 21 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

«ئەرچى كەنتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، ئەڭ مۇھىمى بىز باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭدۇق، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ يېڭى يول ئاچتۇق.» جيا شىنلۇڭ مۇنداق دېدى: «كۆكتاتلارنى يېڭى ساقلاش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش بازىسى پۈتكەندىن كېيىن، كۆكتات تېرىلغۇ كۆلىمىنى 80 مىڭ موغا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئېشىش بىلەن بىللە، ھەر يىلى يەنە كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئاشۇرغىلى بولىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.