تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، گو لىڭ، قومۇل مۇخبىرلار پونكىتىدىن كوۋ جۈنفېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ما جىڭجىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ، يېزا، مەھەللە، كارخانا قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

ۋاڭ مىڭشەن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مىدۇڭ رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم خوتەن شەھىرى بىلەن سىنلىق ئۇلىنىش شەكلى ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلدى، خوتەن شەھىرى، مىدۇڭ رايونىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلەش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئالدىدا مېڭىشى، ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىرادىنى ساقلاپ، شۇ جاينىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى چۆرىدەپ، مەخسۇس تۈر بويىچە تەشكىللەپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى نەزەرىيە بىلەن قوراللاندۇرۇش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى تۇتۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىپ، تولۇپ تاشقان كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك.

زۇمرەت ئوبۇل قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېۋىرغول رايونىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىي يۈكسەكلىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش داۋامىدا غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، نەزەرىيە ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشكە، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتىكى ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ئېۋىرغول رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ كەم - كوتسىز جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ياڭ فاسېن ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم تىيانشان رايونى، ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)دىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىلەن بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەندە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئىنتايىن دانا، توغرا، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىي يۈكسەكلىكىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق كۈرەش نىشانىغا توغرىلىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرمۇتۈر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى سىجىل، يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەھەللىلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بېرىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش كېرەك؛ شەھەرنى ئىدارە قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، جەمئىيەت ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. بىر نىيەتتە ئەمەلىي ئىشلەپ، ئۈرۈمچىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.