تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قاناس كەنتىدە «كۆپكە ماھىر» بىر كىشى بار

مۇزىكا ئەترىتىگە قاتنىشىش، قىسقا فىلىم ئىشلەش، پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىش

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

  11-ئاي، قاناس مەنزىرە رايونى قاناس كەنتىدە، تاغ ـ دەريالار ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ياغاچ ئۆيلەر قارلىق دالىنى زىننەتلىگەنىدى.

  ئاپئاق قار، ياغاچ ئۆيلەر، شەھەرنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىدىن خالىي، ئەتكەنچاينىڭ ئىسسىق ھورى، سېرىق ماينىڭ مەززىلىك پۇرىقى ... گۈزەل مەنزىرە ۋە مەززىلىك تائاملار گىرەلەشكەن. بىر ياغاچ ئۆيدە، پۇقراۋى قونالغۇنىڭ ئىگىسى گېساڭجيې ساياھەتچىلەر بىلەن قىزغىن سالاملاشتى: «مېنىڭ نۇرغۇن دوستلۇرۇم بار، ئۇلار ھەريەر-ھەريەردىن كەلگەن، ئادەتتە كۆرۈشكەندە ئىنتايىن قىزغىن ئەھۋاللىشىمىز.» گېساڭجيې ئوخشىمىغان تىلدا كۆپچىلىككە «ياخشىمۇسىز» دېيىشنى ئۆگەتتى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر تېزلا چىقىشىپ كەتتى. قىزىقارلىق يۇمۇرلۇق سۆزلەر بىلەن «خەنتا مۇزىكا ئەترىتى»نىڭ ئويۇنى باشلاندى. دېرىزە سىرتىدا قار ئۇچقۇنداۋاتاتتى، ئۆي ئىچى ئىنتايىن قىزىپ كەتتى، كىشىلەر مۇزىكىغا ئەگىشىپ شوخ ساۋۇردىن ئۇسسۇلىغا چۈشتى.

  گېساڭجيېنىڭ ئۆيى قاناس كەنتىدە، ئۇ داشۆدە مۇزىكا ئىشلەش كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ بىرنەچچە يىل ئايلىنىپ يۈرگەندىن كېيىن، ئۇ كەنتكە قايتىپ كېلىپ «خەنتا مۇزىكا ئەترىتى»گە قوشۇلدى. ئەنئەنىۋى چالغۇ چېلىش بىلەن زامانىۋى چالغۇ چېلىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ساياھەتچىلەرنىڭ بۇ كىچىك كەنتنى چۈشىنىشىدىكى بىر كۆزنەككە ئايلاندى.

  «ساياھەت نوقۇل مەنزىرە كۆرۈشلا ئەمەس، مۇزىكا ساياھەتكە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت پۇرىقى قوشتى.» گېساڭجيې مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەر بۇ خىل مۇزىكا ئورۇنلاش ئۇسۇلىنى ياخشى كۆرۈپ قالدى.

  مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، گېساڭجيې تېخىمۇ كۆپ جايلارنى كۆرۈپ بېقىشنى ئۈمىد قىلاتتى. كەنتكە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ئىنتىلگەن جاينىڭ دەل ئاياغ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بايقىدى، «بۇ يەر ئۆزگەردى، ساياھەت كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى، زامانىۋى تۇرمۇش پۇرىقى بارغانسېرى قويۇقلاشتى.» كەنتتە پۇقراۋى قونالغۇ ئاچىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، كىچىككىنە كەنت پۈتۈن دۇنيادىكى ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا ئىدى.

  گېساڭجيې توردا ئۆزىگە «خۇمەيشەنجا» دەپ ئىسىم قويۇپ، ھەرقايسى قىسقا سىن سۇپىلىرىدا سىن ئېلان قىلىپ، مۇزىكا، چالغۇ ۋە ئۆز يۇرتىنى تونۇشتۇرۇپ، نۇرغۇن مەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  «بۇ يەرگە ساياھەتكە كەلگەنلەرگە بىز مۇزىكا ئارقىلىق يۇرتىمىزنى تونۇشتۇردۇق. مۇزىكا ئىشلىگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ يەردە ماڭا تونۇش يەرلىك پۇراق بار، ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئىجادىيىتىمنى يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى.» گېساڭجيې بوش ۋاقىتلىرىدا ئىجاد قىلغان مىللىي جاز مۇزىكىسى كىرگۈزۈلگەن ئىككى پىلاستىنكا ئاللىقاچان كىرىشتۈرۈش باسقۇچىغا كەلدى.

  مۇزىكا بولغاچقا، گېساڭجيې مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن دوست تۇتتى، يەنە مۇزىكانتلار ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ يىل قىشتا قاناس كەنتىگە كېلىپ تۇرۇپ، ئىجادىيەت ئىلھامى ئىزدىمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

  «يېقىشلىق بولۇشتىن باشقا، يەنە مۇزىكىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. مەن ئۆيلەرگە بېزەك ئورنىدا بىر ئات باشلىق غېجەك، بىر تال سۇئېر قويۇپ قويدۇم.» گېساڭجيې يەنە سۈرەت تارتىپ، ماقالە يېزىپ، قىسقا فىلىملەرنى ئىشلەپ، پۇقراۋى قونالغۇ ئۇچۇرىنى مەملىكەت خاراكتېرلىك پۇقراۋى قونالغۇ ماركېتىڭ سۇپىسىدا ئېلان قىلىپ، مۇزىكا ئارقىلىق دوست تېپىپ، نۇرغۇن مېھمانلارنى قايتا-قايتا كېلىشكە جەلپ قىلدى.

  بوش ۋاقىتلاردا، گېساڭجيې ئەتراپتىكى كەنتلەرگە بېرىپ زىيارەت قىلدى. «بىر تەرەپتىن، مۇزىكا ئىلھامى ئىزدەيمەن، يەنە بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم كونا بۇيۇملارنى يىغىپ، بۇ كەنت ئەسلىمىلىرىنى ساقلاپ قالىمەن» دېدى گېساڭجيې.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى