تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يەنفاڭ، لياڭ لىخۇا، ئىختىيارىي مۇخبىر ئابلەت ئابلىمىت خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ، كارخانا، يېزا ـ كەنت، شەھەر مەھەللىلىرى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە، ئىنچىكە ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى.

جاڭ جۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋانچىڭ رايونى ۋە يېڭىسار ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: داۋانچىڭ رايونى، يېڭىسار ناھىيەسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش ئىرادىسى، ئىمتىھانغا بېرىش روھى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتى ئارقىلىق، پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مەۋقەنى ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى بەلگىلەشكە قويۇپ، مۇھىم، زور پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، پىكىر يولىنى دەل جايىدا پىلانلاپ، تۇتقىنى دەل تېپىپ، ۋاسىتىنى توغرا تاللاپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى سىجىل چىڭىتىپ، نۇقتىلىق مەزمۇنلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ بېرىپ، نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

تيەن شياڭلى ئاقتۇ ناھىيەسى، قۇتۇبى ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى، قاتلامغا ئايرىلغان، تولۇق قاپلىغان ئۆگىنىش، مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى، شىنجاڭدىكى زور ئۆزگىرىشلەر، مۇقىم بولغان، تەرەققىي قىلىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتنى تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، پۈتۈن يىللىق تۈرلۈك نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ياخشى ئورۇنداش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن پىچان ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ئۆتكەن بەش يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە كەلگۈسى بەش يىلدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ «پىلانلاش»نى، تېخىمۇ زور سالماقتا «مۇقىم بولۇش»نى، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل «ئىلگىرىلەش»نى، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك «ئىدارە قىلىش»نى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.