تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​بىز بىرلىكتە كەنتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز

ئادىل ئەركىن:

​بىز بىرلىكتە كەنتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

«ئادىل شۇجى، سىزنىڭ لېكسىيەيىڭىزنى ئاڭلاپ، بىز بەك روھلاندۇق، بەك ئەسقاتىدىكەن. يېقىندا بىز كالا باقمىچىلىق رايونىدا بىر قېتىم باقمىچىلىق تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىمىز، شۇ چاغدا سىز پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلەشتۈرۈپ بىزگە يەنە بىر قېتىم سۆزلەپ بېرىڭ!» 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، قۇملۇقنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئۆگەي يېزىسى چارەكشەھەر كەنتىدە، كەنتتىكى چارۋىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئىمىن نىياز كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئادىل ئەركىننىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

چارەكشەھەر كەنتى گەرچە ئاران 133 ئائىلە، 500دىن ئارتۇق ئادەم بار چەت، يىراق كىچىك كەنت بولسىمۇ، لېكىن كەنتنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى: پۈتۈن كەنتتە تېمىتىپ سۇغىرىش ئارقىلىق كېۋەز تېرىش، چارۋىچىلىق، باغ - ئورمانچىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بار بولۇپ، بۇلتۇر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 46 مىڭ 500 يۈەنگە يەتتى.

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندا، ئادىل ئەركىن ۋەكىل سۈپىتىدە قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

ئەركىن مىجىت 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىدىن باشلاپ چارەكشەھەر كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، 2019 - يىلى، ياشىنىپ قالغان ئۇ ئارمانغا تۇشلۇق دەرمانى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدى. پېشقەدەم ياچېيكا شۇجىسىنىڭ ئورنىنى كىم باسىدۇ؟ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى كۆپ قېتىم ئەركىن مىجىتنىڭ ئوغلى، كەنتتىكى تۇنجى داشۆ ئوقۇغۇچىسى، «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» پارتىيە ئەزاسى، بېيىش باشلامچىسى ئادىل ئەركىننى بۇ ۋەزىپىنى ئۆتەشكە دەۋەت قىلدى.

ئادىل ئەركىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، پىكىر يولىنى كېڭەيتتى، ئامالى كۆپ بولدى، ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە، كەنتتىكى كالا 1150 نەچچىدىن 3500دىن ئارتۇققا، كەپتەر 5000 نەچچىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇققا كۆپەيدى؛ كەنتتە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇلۇپ، ھەممە ئائىلە بىلەن مەنپەئىتى زىچ باغلىنىشلىق بولغان ھەمكارلىق كوپىراتىپى بارلىققا كەلدى؛ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى يىلىغا 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئېشىشتەك سۈرئەت بىلەن كۆپەيدى.

ئادىل ئەركىن دائىم ئەتراپىدىكىلەرگە «مەن پەقەت پارتىيەنىڭ تۈرلۈك سىياسەتلىرىنى دەل جايىدا چۈشىنىپ، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردۈم» دەيتتى. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، ئۇ كەنتكە قايتىپ كېلىپ دەرھال پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشقا تۇتۇش قىلدى. ئۇ يۇرتداشلارغا مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى سىياسەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەركىم قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىش كۆرۈپ، كەنتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى كېرەك».

كەنتنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئەۋزەللىكى، خاسلىقى، كەمتۈكلۈكى، يېتەرسىزلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئادىل ئەركىن ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرلۈك ئىشلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇش، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، «ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى يولغا قويۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى سىجىل مۇستەھكەملەش قاتارلىق مەزمۇنلار توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

«ئادىل شۇجى، مەن باغ - ئورمان باشقۇرۇش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، ئائىلەمدىكى ئىككى كالىنى باقمىچىلىق رايونىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا بەردىم، ئون مو كېۋەزلىكنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئوبوروت قىلىپ بەردىم، بىر تەرەپتىن ئۆزۈمنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، بىر تەرەپتىن باشقا باغۋەنلەرنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى پۇتىشىغا ياردەملىشىپ پۇل تاپتىم، كېيىن ماڭا يەنە قانداق تەرەققىيات پۇرسىتى بار؟» دەپ سورىدى لېكسىيە جەريانىدا كەنت ئاھالىسى ھۈسەن ياقۇپ.

ئادىل پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش قۇرۇلۇشىدىن باشلاپ سۆزلەپ، ھۈسەن ياقۇپنى «يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش» پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، باغ - ئورمانچىلىققا دائىر ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىلىملىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىگىلەشكە؛ ياكى «يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش» پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ياشلارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. بۇنداق بولغاندا كىرىمنى يەنە بىر بالداق ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە كەنتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.