تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاممىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئېسىل ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەيمەن

چېڭ دۇڭيۈن:

ئاممىنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئېسىل ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەيمەن

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر زو جۈەن

«ئاساسىي قاتلامنى ئەڭ ياخشى دەرسخانا، ئاممىنى ئەڭ ياخشى ئۇستاز دەپ بىلىپ، ئاممىغا يېقىنلاشقاندىلا، ئاندىن ئاممىنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغىلى بولىدۇ...» 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ يىغىن زالى ئادەم بىلەن لىق تولغانىدى، بۇ مەركەزنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر چېڭ دۇڭيۈن ئۆزىنىڭ ئاخبارات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 20 نەچچە يىللىق تەجرىبىسىنى مۇخبىرلارغا، مۇھەررىرلەرگە، دىكتورلارغا جانلىق سۆزلەپ بەردى.

چېڭ دۇڭيۈن مۇخبىرلىق، دىكتورلۇق، تەھرىرلىك قاتارلىق كۆپلىگەن ئىش ئورنىدا خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئاخبارات كەسپىدە قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ يازغان ۋە پىلانلاشقا قاتناشقان ئاخبارات خەۋەرلىرى، مەخسۇس فىلىم، رادىيو ئاخبارات ئەسەرلىرى قاتارلىقلار كۆپ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 2020 - يىلى ئۇ «ئاپتونوم رايون بويىچە ئون مۇنەۋۋەر ئاخبارات خىزمەتچىسى» بولۇپ باھالاندى؛ 2021 - يىلى ئۇنىڭغا «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» دېگەن نام بېرىلدى.

«ياخشى خەۋەر يېزىش ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن ئېسىل ھېكايىلەرنى بايقاش ۋە ياخشى سۆزلەش كېرەك» دېدى چېڭ دۇڭيۈن.

2020 - يىلى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، چېڭ دۇڭيۈن ئىشخانىدا ئۇدا خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ كۈندۈزى كۆپچىلىكنى باشلاپ بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، ئاپپارات كۆزى ئارقىلىق تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى خاتىرىلىسە، كەچتە كۆپچىلىك بىلەن بىللە ماقالە يازدى، سىن ئىشلىدى. ئۇنىڭ پىلانلىشىدا تارقىتىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى مىكرو تىياتىر، خەلق ناخشىسى، ئاقىنلار ئېيتىشىشى قاتارلىقلار ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، يەككە چېكىلىش قېتىم سانى 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، چېڭ دۇڭيۈن «ئالتۇن مىكروفون پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت ئەترىتى»نى تەشكىللەپ قۇردى. ئۇ ئەترەت ئەزالىرىنى باشلاپ مەھەللە، يېزا - كەنت، كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باركۆلنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك خەۋەر قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭىشى، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.

چېڭ دۇڭيۈن ئاخبارات خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىدۇ، ئاممىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان. 2016 - يىلىدىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سارچوقا يېزىسى، شيالوبا يېزىسىدىكى بەش دېھقان - چارۋىچى ئائىلىسى بىلەن ياردەم بېرىش - يۆلەش بويىچە قوشماقلاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە جېڭىس ئوبۇل بىلەن ئايدىن مالىك ئائىلىسى ئىلگىرى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى.

جېڭىس سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقاندا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ مېيىپ بولۇپ قالغان بولۇپ، ئېغىر ئىش قىلالمايتتى، چېڭ دۇڭيۈن بوش ۋاقتى بولسىلا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، دورىلارنى ئېلىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردى. چېڭ دۇڭيۈننىڭ ياردىمىدە، جېڭىس ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

چېڭ دۇڭيۈن ئايدىن ئەر - خوتۇننى توخۇ بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھويلا - ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ياردەم بەردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئايدىن كەنتتىكى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىغان ئىلغار تىپقا ئايلاندى، يەنە پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى.

«تۇغقىنىمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش كەچۈرمىشىم ئاخبارات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتتى.» چېڭ دۇڭيۈن مۇنداق دېدى: «باركۆلدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئېسىل ھېكايىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەش مېنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىنتىلىشىم ۋە بۇرچۇم».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.