تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەپ، بىرلىكتە گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقىمىز

پاتىگۈل ياسىن:

بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەپ، بىرلىكتە گۈزەل ماكان قۇرۇپ چىقىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

«كۆپچىلىك قاراڭلار، كىم قايتىپ كەلدى؟» 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئەتىگەندىلا ئىھاتە ئورمانلىقىدا تېمىتىپ سۇغىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىپ ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن پاتىگۈل ياسىننى كۆرۈپ، شۇئان ئۇنى قىزغىنلىق بىلەن ئورىۋالدى.

«پاتىگۈل، بىزگە پارتىيە قۇرۇلتىيىدا قانداق خۇش خەۋەر بارلىقىنى تېزرەك سۆزلەپ بەرسىڭىز».

«پاتىگۈل، يىغىندا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزەشكە قانداق يېڭى تەلەپلەر قويۇلدى؟» كۆپچىلىك ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن توختىماي سوئال سورىدى.

پاتىگۈل كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

پاتىگۈل مۇنداق دېدى: «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش چەرچەن ناھىيەمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىنتايىن مۇھىم. گەرچە نۇرغۇن قۇم تىزگىنلىگۈچى خادىملارنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى بىلەن، چەرچەننىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى بارغانسېرى ياخشىلانغان بولسىمۇ، بىز يەنە بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك».

«ناھىيە بازىرى ئەتراپىدا ئىلگىرى گىياھمۇ ئۈنمەيتتى، قۇشلارمۇ تۇرۇپ قېلىشنى خالىمايتتى، ھازىر كىشىلەر ئارام ئېلىپ كۆڭۈل ئاچىدىغان باغچىغا ئايلاندى» دېدى چەرچەن ناھىيەلىك بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش خىزمەت پونكىتىدا 18 يىل خىزمەت قىلغان ئەخمەت غەيرەت پەخىرلەنگەن ھالدا.

«شۇنداق، بىز ئۇلىغان 59 مىڭ مو چۆللۈك توشقانزەدىكىدىن مول ھوسۇل ئالدۇق، بۇلتۇر 10 مىليون يۈەندىن كۆپرەك پۇلغا ساتتۇق» دېدى چەرچەن ناھىيەلىك بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش خىزمەت پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى ھېۋىزىخان قاقىم.

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شەرقىي جەنۇب گىرۋىكىدىكى چەرچەن ناھىيەسىدە، قۇملۇق بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى پەقەت ئىككى كىلومېتىرلا كېلىدۇ. قۇمنىڭ ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇش ئۈچۈن، 23 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ناھىيەدىكى كادىرلار، ئامما قۇم دېڭىزىدا ئىككى قولىغا تايىنىپ ئۇزۇنلۇقى 23 كىلومېتىر، كۆلىمى 120 مىڭ مودىن ئاشىدىغان يېشىل سېپىل بەرپا قىلىپ، قۇمنىڭ ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنى ئۈنۈملۈك توستى. چەرچەن ناھىيەسىمۇ شۇ سەۋەبتىن «مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى» «جۇڭگو ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىدا ئۈلگە كۆرسىتىش مۇكاپاتى» قاتارلىق ئالاھىدە شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

«پاتىگۈلنىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن روھلاندىم، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇپ چىقىش ئىشەنچىم ۋە ئىرادەم تېخىمۇ چىڭىدى.» چەرچەن ناھىيەلىك بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش خىزمەت پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ئابباس ئەيسا مۇنداق دېدى: «بىز بەرپا قىلغان ئىھاتە ئورمىنى 12 كارخانىنى قۇملۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا جەلپ قىلدى، بۇ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئورمىنىنىڭ جەمئىيەت ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنى، ئورمان ئارقىلىق ئورمان بېقىش نىشانىغا بارغانسېرى يېقىنلاشقانلىقىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ».

چەرچەن ناھىيەلىك بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ قۇمنى تىزگىنلەش خىزمەت پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى قۇربان روزى مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى بىز كۆچەت تىككەندە ئەسلىي يەر شەكلىنى بويلاپ تىككەنىدۇق، يەر شەكلى ئېگىز - پەس، تەكشى بولمىغاچقا، پەرۋىش قىلىش تەس ئىدى. بۇنىڭدىن كېيىن بىز قۇملۇقنى تۈزلەپ بولۇپ ئاندىن كۆچەت تىكىمىز، پەرۋىش قىلىش ئاسان بولىدۇ، كۆچەتلەرمۇ تېز ئۆسىدۇ».

«قۇرباننىڭ ئېيتقانلىرى توغرا. كېلەر يىلىدىن باشلاپ، بىز بەش يىل سەرپ قىلىپ، يەنە 200 مىڭ مو ئىھاتە ئورمىنى بەرپا قىلىپ، توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىدۇق، كۆپچىلىك ئىشەنچىڭلار بارمۇ؟» دېدى ئابباس.

«بار!» «بىز يېڭىمىزنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل چەرچەن قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!» كۈلكە سادالىرى ئىچىدە، كۆپچىلىك يەنە ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

قىزغىن ھاياجانغا تولغان خىزمەتداشلىرىنى كۆرۈپ پاتىگۈل خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئاساسىي قاتلام ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە، ئۆزىمىز ئۈچۈن، شۇنداقلا ئەۋلادلار ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل مۇھىت يارىتىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.