تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​«قۇرۇلۇش لايىھەلەش بىلەن شۇغۇللىنىشتا، ھەرقانداق بىر قەدەمدە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ»

لېي رۇڭ:

​«قۇرۇلۇش لايىھەلەش بىلەن شۇغۇللىنىشتا، ھەرقانداق بىر قەدەمدە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ»

□ ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

«ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەتقىق قىلىپ تۈزۈشتىن تارتىپ، لايىھەلەش لايىھەسىنىڭ ئۆلچەملىك، ئىلمىي ۋە كۆركەم بولغانلىقىنى قايتا - قايتا دەلىللەشكىچە، يەنە لايىھەلەشكىچە، ھەرقانداق بىر قەدەمدە بىخەستەلىك قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئالىي ئىنژېنېر لېي رۇڭ 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا.

2002 - يىلى 7 - ئايدا، لېي رۇڭ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ بىناكارلىق قۇرۇلۇش كەسپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، بىڭتۇەن قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىغا ئىشقا چۈشتى. تېزدىن خىزمەت ھالىتىگە كىرىش ئۈچۈن، ئۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پېشقەدەملەردىن كەمتەرلىك بىلەن تەلىم ئالدى. ئىدارىسىدا، ئۇ كىتاب ئوقۇماي قالسىلا چېرتيوژ سىزاتتى، ھەمىشە يېرىم كېچىگىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيتتى. «مەن بىر ياخشى قۇرۇلۇش لايىھەلىگۈچى بولۇپ، ياخشى ئەسەرلەرنى لايىھەلەيمەن.» بۇ ئەسلىي مەقسەتنى كۆڭلىگە پۈككەن لېي رۇڭ قۇرۇلۇش لايىھەلەش ماھارىتى، ئۇللۇق ئۆلچەم ۋە مەخسۇس تۈر ئۆلچىمىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ، ناھايىتى تېزلا ئىدارىسىدىكى كەسپىي تايانچقا ۋە مۇنەۋۋەر باشقۇرۇش ئىختىساسلىقىغا ئايلاندى.

2010 - يىلىنىڭ بېشىدا، بىڭتۇەن قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى بىڭتۇەن 11 - شىسىنىڭ ئورگان ئولتۇراق رايونىنى لايىھەلەش خىزمىتىنى ھۆددىگە ئالدى. ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر بولۇپ، تېخى دەم ئېلىۋاتقان لېي رۇڭ دەرھال جىددىي، مۈشكۈل خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى. بىر ئاي ۋاقىتتىلا، ئۇ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ لايىھەلەش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، مۈلۈك ئىگىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. 2011 - يىلى، ئۇ «شىنجاڭ چارلاش - لايىھەلەش ساھەسى بويىچە ئاددىي ئىش ئورنىدىكى مۇنەۋۋەر شەخس» بولۇپ باھالاندى.

2017 - يىلى، ئىدارە شۇاڭخې شەھىرىنىڭ 1 -، 2 - نومۇرلۇق ئولتۇراق رايونى قۇرۇلۇش تۈرى ۋە شۇاڭخې شەھەرلىك دوختۇرخانا قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئومۇمىي پىلانلاش، لايىھەلەش خىزمىتىنى لېي رۇڭنىڭ مەسئۇل بولۇشىغا تاپشۇردى. ئۇ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ قايتا - قايتا تەتقىق قىلىپ، ھەربىر تەپسىلاتنى ئىنچىكە مۇلاھىزە قىلدى، بەزىدە ئالدىراشلىقتا تاماق يېيىشكىمۇ ۋاقتى چىقمىدى. ئەڭ ئاخىرىدا، ئومۇمىي پىلان لايىھەلەش لايىھەسى ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتتى، قۇرۇلۇش توپى لايىھەسى ياخشى باھاغا ئېرىشتى. «ئۆز قولۇم بىلەن سىزغان چېرتيوژنىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنىمدا، ناھايىتى ھاياجانلىنىمەن، مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولىمەن» دېدى لېي رۇڭ.

بۇ يىللاردا، بىڭتۇەن قۇرۇلۇش لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتى نۇرغۇن يېڭىدىن ئىشقا چۈشكەن ياشنى كۈتۈۋالدى. لېي رۇڭ «باشلامچى»لىق رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، قولمۇقول تەلىم بېرىپ، كەسىپ ئۆگىتىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى يېشىپ، لايىھەلەش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈردى. «خىزمەتتە، مەسىلىگە يولۇققاندا ئۇ ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن ماڭا ياردەم قىلىپ چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ؛ تۇرمۇشتا، ئۇ بىر يېقىملىق، سۆيۈملۈك ئاچام، بىزنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسىگە ئۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ.» خىزمەتدىشى چى شياۋلىنىڭ ئېيتىشىچە، دەل لېي رۇڭنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلھام بېرىشى ۋە يېتەكلىشىدە، ئۇ چوڭ تۈرنى لايىھەلەشكە قاتنىشىپتۇ، بۈگۈنكى كۈندە كەسپىي تايانچقا ئايلىنىپتۇ. «ياش بىر ئەۋلادلار تېز سۈرئەتتە ئۆسۈپ يېتىلسە، بىزنىڭ قوشۇنىمىز ئاندىن ئۈزلۈكسىز زورىيىدۇ، مەن ئۆز تەجرىبىلىرىمدىن تېخىمۇ كۆپ ياشلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمەن» دېدى لېي رۇڭ.

قۇرۇلۇش لايىھەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن بۇيان، لېي رۇڭ باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتتى. ئۇ مۇھىم، زور لايىھەلەش تۈرىدىن 15نى مۇستەقىل تاماملىدى، كوللېكتىپنى يېتەكلەپ 100گە يېقىن لايىھەلەش تۈرىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ تاماملىدى. «مەن تىرىشىپ ئۆزۈمنى تولۇقلاپ، كۆپچىلىك رازى بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەسەرنى لايىھەلەپ چىقىمەن» دېدى لېي رۇڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.