تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى بىرلىكتە رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز

جاۋ جىيوۋ:

​گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلاننى بىرلىكتە رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ئەتىگەندىلا، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ جىيوۋ خىزمەت ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلتىيى مەزگىلىدىكى خاتىرىسىنى ۋاراقلاپ ئوقۇپ، باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان لېكسىيەگە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

«ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن پارتىيە ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى بىرىنچى ۋاقىتتا كۆپچىلىككە يەتكۈزۈپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش» دېدى جاۋ جىيوۋ.

سائەت 11دە، جاۋ جىيوۋ يىغىن زالىغا كىرىپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىغا پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

«پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بەش يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت ئامما دائىم غەم قىلىۋاتقان، ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، ئەندىشە قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان بىر تۈركۈم مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى، بالىلار بېقىلىدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەرنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش، ئاجىزلارنىڭ يار - يۆلىكى بولۇش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەر مىللەت ئامما مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئىسلاھاتنىڭ مېۋىسىدىن تولۇق بەھرىمەن بولدى...» جاۋ جىيوۋ ئوتبۇلاق بازىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، لېكسىيە سۆزلەش جەريانىدا تۇرمۇشقا يېقىن ئەمەلىي ئىشلارنى مىسال كەلتۈرۈپ، قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتقا جاۋ جىيوۋنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى. «پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدا خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئوتبۇلاق بازىرى شىنجاڭدىكى ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ بىرى، بىز ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز ۋە زورايتىشىمىز كېرەك».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوتبۇلاق بازىرى ئۆزگىچە ئالاھىدە ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئەۋزەللىكى ۋە دۆلەت يولى، ئۆلكە يولىغا يېقىن بولۇشتەك رايون ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۈزۈم ھارىقى باشلامچى كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، «ھاراق قورۇقى» ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش، سودا، پەن تەتقىقات بىر گەۋدىلەشكەن ئۈزۈم ھارىقى كەسىپ سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

«پارتىيە قۇرۇلتىيى بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىياتىمىزنىڭ گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەردى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى، كادىر، ھەممىمىز پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تەشۋىق قىلىشىمىز ھەم پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، ھازىر دەل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان پەيت، ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىزدا، گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان چوقۇم رېئاللىققا ئايلىنىدۇ» دېدى جاۋ جىيوۋ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.