تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جانلىق لېكسىيە كەنت ئاھالىلىرىنى بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە قىلدى

ئايىمنىسا توختى:

جانلىق لېكسىيە كەنت ئاھالىلىرىنى بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە قىلدى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 20 لەردە، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، قاراقاش ناھىيەسى كۇيا بازىرى ئاياغ ئاچما كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئايىمنىسا توختى پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن «مول ھوسۇل» ئېلىپ كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ يىغىن زالىغا كېلىپ، كەنت كادىرلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىگە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى.

ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش ئۈچۈن، ئايىمنىسا توختى پارتىيە قۇرۇلتىيىدا يېتەرلىك تەييارلىق قىلغان بولۇپ، خاتىرە دەپتىرى ئۆز تەسىراتى بىلەن توشۇپ كەتتى.

بۇ بەش يىلدا، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 14 مىليون 333 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ يېزا - بازارلىق دوختۇرخانا، كەنت داۋالاش ئۆيلىرىنىڭ ئۆلچەملىشىش نىسبىتى %100كە يەتتى؛ يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە 1 مىليون 200 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق ئۆي، شەھەر - بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى بويىچە 1 مىليون 384 مىڭ يۈرۈش ئۆي سېلىندى، شەھەر - بازارلارنىڭ كونا ئولتۇراق رايونلىرىدىكى 549 مىڭ ئائىلىلىك ئۆي ئۆزگەرتىلدى، 7 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما خۇشال - خۇرام يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا «كۆمۈر ئورنىغا توك ئىشلىتىش» قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى ... بۇ جانلىق ئەمەلىي مىساللار كەنت ئاھالىلىرىنى بىۋاسىتە تەسىراتقا ئىگە قىلدى.

كەلگۈسى بەش يىلدا، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر پۇختا تۇتۇلۇپ، ياخشى تۇتۇلۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ. خاس كەسىپلەر تىلغا ئېلىنغاندا، ئايىمنىسا توختى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كەتتى: «كەنتىمىز ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى، كىشى بېشىغا ئىككى مودىن كۆپرەك يەر توغرا كېلەتتى، ئاساسلىقى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ۋە باقمىچىلىققا تايانغاچقا، بېيىشىمىز تەسكە توختىغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدە، بىز جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تېرىش، كۆپ تۆللەيدىغان قوي بېقىش ئارقىلىق، كەسىپ تامىقى يەپ، بېيىش يولىغا مېڭىپ، ياخشى كۈن كەچۈرۈۋاتىمىز».

«بىزگە دەپ بېرىڭە، يەنە قانداق خۇش خەۋەر بار؟» كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سورىغان سوئالىغا قارىتا ئايىمنىسا توختى مۇنداق دېدى: «پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش، مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئەمىن ئۆي كاپالىتى، <كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش>، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، ئاممىۋى بىخەتەرلىك كاپالىتى، مۇقىملىق ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەدىن ئورتاق بېيىش نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.» نەق مەيداندىكى كەنت ئاھالىلىرى ئارقا - ئارقىدىن باشلىرىنى لىڭشىتتى ھەم ئۆزلىرىنىڭ تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ ئايىمنىسا توختى بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى. «بىز چوقۇم كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، ئىشچان ئىككى قولىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشىمىز كېرەك» دېدى ئايىمنىسا توختى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.