تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، بۇرغا چېلىندى، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەقىل - پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ ئالغا ئىلگىرىلەش روھى، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تۈزۈلگەن تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى جاسارەت بىلەن گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرىمىز.

10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىش، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشنىڭ قەلبلەرگە سىڭىشى، چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ يەن مۇنداق بىلدۈردى: ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كەم - كوتسىز پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، ھەربىر ۋەزىپىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پىكىر يولىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، قۇرۇلتاي روھىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتىدە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشى، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئالتاي ۋىلايىتىدىن ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىرىنچى ۋاقىتتا كۆپ خىل شەكىلدىكى لېكسىيەنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېزدىن ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزدى. «ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ۋەكىل بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىمەن، ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمەن. خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمەن» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، جېمىنەي ناھىيەسى جېمىنەي بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى، سارى ئۆلەڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى رىيزا باغدۆلەت.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتىكى ئاكتىپ ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، قۇرۇلتاي روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. دائىملىق ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش، ئومۇملاشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق تەشۋىق قىلىپ، تەربىيەلەشنى قاتلامغا، تۈرگە ئايرىپ ياخشى ئىشلەپ، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش قىزغىن دولقۇنىنى قوزغاپ، يىغىن روھىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈش كېرەك.

بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەر، ئورۇنلارمۇ 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېزدىن يەتكۈزۈپ، ئۆگىنىپ، قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئۆگىنىشنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزدى، كورلا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، كورلا شەھىرى مامكاپ لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، «ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى روھى مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆمىكى» قۇردى، لېكسىيە ئۆمىكى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىن باشلاپ، تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، كورلا شەھىرىدىكى ھەرقايسى يېزا - بازار (مەيدان)، كوچا باشقارمىلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، 79 مەيدان (قېتىم) لېكسىيەنى قانات يايدۇردى.

«لېكسىيە ئۆمىكى بىزگە ئېسىل لېكسىيە ئېلىپ كەلدى، بىز چوقۇم پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇرۇلتاي روھىنى ھەربىر ئاھالىگە يەتكۈزىمىز» دېدى كورلا شەھىرى قۇرۇلۇش كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما كەيخۇڭ.

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، خوتەن ۋىلايىتى ۋىلايەتكە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى تارماقلاردىكى ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى تەشكىللەپ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە كۈچلۈك بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن قۇرۇلتاي روھىنى كونكرېت خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

«بىز ۋىلايەتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ كۈچىنى تەقدىم قىلىمىز» دېدى خوتەن ۋىلايەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى خەلق ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ليۇ يۈ.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تۇرپان شەھىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى، ياشلار بىرلەشمىلىرى ۋە ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىغا قاراشلىق ياشلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى تەشكىللەپ ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تېزدىن يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. تۇرپان شەھەرلىك ياشلار ئىگىلىك تىكلەش بىرلەشمىسىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاڭ لېي مۇنداق دېدى: بىز ئۆز غايە - ئىنتىلىشىمىزنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ياشلار يېڭىلىق يارىتىش «ماكانى» يېتىلدۈرۈپ، دىققەتنى پۈتۈن زەنجىرلىك ياشلار ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت سىستېمىسى، ياشلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش «باشلامچى»لىرىدىن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ياشلىق كۈچىمىزنى قوشىمىز.

(مۇخبىر پەرىزات ئابدۇل، قاتناشقان مۇخبىرلار دۇ جيەنخۇي، جاڭ رۇيلىن، جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋېي جىيۈەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.