تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پەن قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش

ما گۇيفاڭ:

پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پەن قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، سانجى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ چيەن

10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى سائەت 9دا، 51 ياشلىق ما گۇيفاڭ سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى دورىگەرلىك ۋە تېببىي تېخنىكا شۆبە شۆيۈەنىدىكى ئىشخانىسىغا كېلىپ، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى.

ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىدە بۇ شۆبە شۆيۈەن پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ما گۇيفاڭ «قابىل» شۇجى: ئۇنىڭ «قابىل» مائارىپ ئوقۇتۇشى نەتىجە قەغىزى بار بولۇپ، ئۇ ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن شۆبە شۆيۈەننىڭ مائارىپ ئوقۇتۇشى خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پەن قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

ما گۇيفاڭ تۇرۇشلۇق دورىگەرلىك ۋە تېببىي تېخنىكا شۆبە شۆيۈەنى سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىدىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچى سانى ئەڭ كۆپ شۆبە شۆيۈەن، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ئىچىدە پارتىيە ئەزالىرى تەخمىنەن %52نى ئىگىلەيدۇ. ما گۇيفاڭ مۇنداق دېدى: «كۈچلۈك پارتىيە ياچېيكىسى شۆبە شۆيۈەننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى غەلىبە قىلىش ئەڭگۈشتەرى».

دورىگەرلىك ۋە تېببىي تېخنىكا شۆبە شۆيۈەنىدە 61 ئوقۇتۇش سىنىپى، 3000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار. ما گۇيفاڭ ئوقۇغۇچىلارغا خۇددى ئۆزىنىڭ بالىسىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. 2018 ـ يىلىنىڭ بېشىدا، ما گۇيفاڭ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى ھەم ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، باشلامچىلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلىپ، ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى يېتىشمەسلىكتەك جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان 30 يىلدىن بۇيان، ما گۇيفاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياخشى بولغان ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتى ياراتتى. دورىگەرلىك ۋە تېببىي تېخنىكا شۆبە شۆيۈەنىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىلارنى «قوش تەربىيەلەش» يېتەكچى ئوقۇتقۇچى تۈزۈمى، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرى «باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش كۈنى»، پارتىيە ئەزالىرىنى «ئاۋانگارت بولۇش، ياخشى نەتىجە يارىتىش، نومۇر جۇغلاش بويىچە باشقۇرۇش» ئاساسىدا تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق ئالاقىدار تۈزۈملىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى ئورنىتىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش قىلىش، نەتىجە يارىتىش ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغىدى.

2019 ـ يىلى ۋە 2020 ـ يىلى، دورىگەرلىك ۋە تېببىي تېخنىكا شۆبە شۆيۈەنى پارتىيە ياچېيكىسى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر پارتىيە ياچېيكىسى بولۇپ باھالاندى. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، ما گۇيفاڭ رىياسەتچىلىك قىلغان ساغلاملىق مۇلازىمىتى كەسپىي توپى تۈرى بۇ شۆيۈەن تەرىپىدىن ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلا سۈپەتلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپ» قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ بىرى قىلىپ كۆرسىتىلدى؛ شۆبە شۆيۈەننىڭ ئېغىز بوشلۇقى ۋە دورىگەرلىك كەسپى بۇ شۆيۈەننىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت زامانىۋى شاگىرتلىق تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كەسپىگە ئايلاندى؛ شۆبە شۆيۈەننىڭ ئوقۇغۇچى كۆلىمى 1500 نەچچىدىن 3000 نەچچىگە كۆپىيىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئاساسىي قاتلام داۋالاش ـ سەھىيە ساھەسى ئۈچۈن زور بىر تۈركۈم ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بەردى.

يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، دورىگەرلىك ۋە تېببىي تېخنىكا شۆبە شۆيۈەنىدە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار يىلدىن ـ يىلغا كۆپەيدى، ما گۇيفاڭ ئۇلارنى قاراتمىلىق تەربىيەلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %98تىن ئاشتى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن رازى بولۇش نىسبىتى %95تىن ئاشتى.

ما گۇيفاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى باشلامچى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىلىم ـ پەن باشلامچىسى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە دورىگەرلىك ۋە تېببىي تېخنىكا شۆبە شۆيۈەنى كەسپىي ئۇستاز ئىشخانىسىدىن يەتتىنى، مەكتەپ سىرتى پىراكتىكا بازىسىدىن 92نى قۇردى، ھەرقايسى كەسىپتىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار دۆلەت، ئاپتونوم رايون، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىلىرىدە 90 ئادەم قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.