تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خوتۇنتام كەنتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش

مەمەت ئەلى:

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خوتۇنتام كەنتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي

10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى ئەتىگەندە، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى تاشۋېلىق يېزىسى خوتۇنتام كەنتىنىڭ كەنت ئاھالە كومىتېتى چوڭ ھويلىسىدىن پات ـ پات خۇشال كۈلكە ساداسى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

شۇ كۈنى، بۇ كەنت ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىدىن لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىدىن ئىككى مەيدان ئۆتكۈزدى، لېكسىيە سۆزلىگۈچى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەت ئەلى ئىدى.

لېكسىيە باشلىنىشتىن ئىلگىرى، بالدۇرلا كېلىۋالغان قىسمەن پارتىيە ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى مەمەت ئەلىنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تەنتەنىلىك ئېچىلىش ئەھۋالىنى سورىدى، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش يېڭى سىياسىتىنى ئىگىلىدى، كۆپچىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۈستىدە توختىلىپ، ئىشەنچ ئۈستىدە سىردىشىپ، پىلانلىرى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

«يېزا ـ كەنت ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇش كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى ياخشى ئۇسۇل. يېزا ـ كەنت ساياھىتى جەھەتتە، يېڭى ياخشى سىياسەت بارمۇ؟» كەنت ئاھالىسى تەكەخان رىزا دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقان بولۇپ، تىجارىتى ناھايىتى ياخشى، ئۇ ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.

«10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا شەھەر ـ يېزىلاردىكى ئەمگەك ئىقتىدارى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز قايسى جەھەتلەردىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك؟» دەپ سوئال سورىدى كەنت كادىرى ئايزۆھرەم مەمەت.

«پارتىيە قۇرۇلتىيىدا كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەر بار، مەن پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كۆپچىلىككە ئەستايىدىل يەتكۈزىمەن» دېدى قولىدا قېلىن خاتىرە دەپتەر ۋە پارتىيە قۇرۇلتىيى خەۋىرى بېسىلغان «شىنجاڭ گېزىتى»نى كۆتۈرۈۋالغان مەمەت ئەلى كۈلۈپ تۇرۇپ يۇقىرى ئاۋازدا.

بۇ قېتىمقى لېكسىيەنى ياخشى سۆزلەش ئۈچۈن، مەمەت ئەلى يىغىنغا قاتناشقان مەزگىلدىكى خاتىرىسى، تەسىراتى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ئويى ۋە پىلانىنى ئالدىنئالا رەتلەپ چىقتى. «پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ مەزمۇنى مول، ئورنى يۈكسەك. يۇرتداشلارغا سۆزلىگەندە، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن چۈشىنىشلىك سۆزلىگىلى بولىدۇ، يۇرتداشلار ئاندىن ياقتۇرۇپ ئاڭلايدۇ» دېدى ئۇ.

ئىككى مەيدان لېكسىيە سۆزلەندى، ھەربىر مەيدان لېكسىيە ئۈچ سائەت داۋاملاشتى، مەمەت ئەلىنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، ئاۋازى ياڭراق ئىدى. «پارتىيە قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانلىقىمدىن ناھايىتى ھاياجانلاندىم. بۈگۈنكى لېكسىيەدە شىنجاڭنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلىرى، مۇۋەپپەقىيەتلىرى توغرىسىدا توختالغاندا، پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرى توغرىسىدا توختالغاندا، مەن ئوخشاشلا ھاياجانلاندىم» دېدى ئۇ.

لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەمەت ئەلى كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە دېھقان ـ چارۋىچى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنى يىغىن زالىغا يىغدى. كۆپچىلىك ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، خوتۇنتام كەنتىنىڭ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئويى ۋە پىلانى توغرىسىدا ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلىدى.

«ھازىر، خوتۇنتام كەنتىمىز كەسىپ تەرەققىياتى، ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ ھەممىسىدە بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، يۇرتداشلارنىڭمۇ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشتەك تەخىرسىز ئارزۇسى بار. پارتىيە قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان ـ ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەرگە ئاساسەن تۈرلۈك خىزمەتلىرىمىزنى يەنىمۇ تەپسىلىي كۆزىتىش ۋە پىلانلاشنى تەۋسىيە قىلىمەن» دېدى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ ئەزاسى نامان باسىت.

«لېكسىيەنى ئاڭلاپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. مەن باشلامچىلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، قوي ـ كالىلارنى ياخشى بېقىپ، يەرنى ياخشى تېرىيمەن» دېدى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى بايىز ئەمەت.

«ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەربىر پارتىيە ئەزاسى، كادىر يۇرتداشلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگە كىرىپ لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك» مەمەت ئەلى مۇنداق دېدى: «بىز يۇرتداشلار بىلەن بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارساقلا چوقۇم خوتۇنتام كەنتىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقالايمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشىر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.