تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى: مەھەللىدىكى خىزمەت ئەترىتى كۆپ خىل شەكىلدە لېكسىيە سۆزلەپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى

10-ئاينىڭ 31-كۈنى، سايباغ رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ يامالىق تېغى تەۋەلىك رايونى شۆليەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى لى رۇڭ (ئوڭدىن 1-كىشى) مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرىغا ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چۈشەندۈرمەكتە. 

    ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چىن پېڭ، پىراكتىكانت مۇخبىر ھىدايتۇللا مەمەتئىمىن خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شۆليەن مەھەللىسىنىڭ قورۇسىدا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ يامالىق تېغى تەۋەلىك رايونى شۆليەن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى لى رۇڭ تەۋەلىك رايوندىكى ئاھالىلەرگە ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل تەشۋىق قىلدى.

   لى رۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەھەللە يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا پائال تەشكىللەپ، مەھەللە تەشۋىقات تاختىسى ۋە قارا تاختا گېزىتىدىن پايدىلىنىپ، ھەم ئائىلىلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلىش شەكلى ئارقىلىق مەھەللە ئاھالىلىرىگە پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چۈشەندۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئاممىغا يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈردى.

10-ئاينىڭ 31-كۈنى، لى رۇڭ (ئوڭدىن 1-كىشى) مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چۈشەندۈرۈش قارا تاختا گېزىتى ئىشلىمەكتە. 

 10-ئاينىڭ 31-كۈنى، لى رۇڭ (سولدىن 1-كىشى) مەھەللە قورۇسىدا تەۋەلىك رايوندىكى ئاممىغا ئاپتونوم رايونلۇق 10-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چۈشەندۈرمەكتە.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى