تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى مەھەللىلەرگە يەتكۈزۈلدى

قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز

□ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ بىر نىيەتتە يېڭى مۇساپىگە قايتا ئاتلىنىش. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تىرىشىپ راۋانلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىپ، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىمىز.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى چوڭ بازار تەۋەلىك رايونى چوڭ بازار مەھەللىسى سودىگەرلەر سۆھبەت يىغىنى ئېچىش، مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، مەھەللە ئاھالىلىرى ۋە سودىگەرلەرگە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بەي يۈنجيەن مۇنداق دېدى: ھەر مىللەت ئامما ئېرىشكەن ئەمەلىي نەپ كۆپ بولدى، كۈنلىرى بارغانسېرى شېرىن ئۆتمەكتە. بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىنتايىن دانا، توغرا بولغانلىقىنى، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئارزۇ - ئۈمىدىگە لايىقلاشقانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى قۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر بىلەن مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئاساسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇستەھكەملەيدۇ.

سۆھبەت يىغىنى، مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش، ئائىلىلەرگە كىرىپ لېكسىيە سۆزلەش... سانجى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەھەللىلەر كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. «ئۆتكەن بەش يىلدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى بىزنى ئىشەنچكە تولدۇردى. مەن باشلامچىلىق بىلەن پارتىيەنىڭ <ياخشى ئاۋازى>نى ياخشى يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» دېدى سانجى شەھىرى يەنئەن شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسى تىيانشان گۈللۈكى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چيۇڭ.

گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ گۇچۇڭ بازىرى لىخۇاجيەن مەھەللىسىدىكى كادىرلار، ئامما مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەشكىللىشىدە، گېزىت، تېلېۋىزىيە، رادىيو قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان سۇپىلار ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى ھەم ئۆگىنىش پىلانى تۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەھەللە ئەدەبىيات - سەنئەت ئەترىتى ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى پائال ئىجاد قىلىپ، كۇەيبەن، خەلق ناخشىسى قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن ھەممە ئائىلىنى خەۋەردار قىلدى.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەرقايسى مەھەللىلىرىدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. قەشقەر شەھىرى چاسا كوچا باشقارمىسى خەلق مەيدانى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ رۇنلىن مۇنداق دېدى: «خۇددى پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېيتىلغاندەك، بۇ بەش يىلدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئانارگۈلى كەبى پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇلۇپ، ھەممە بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، ئاھالىلەرنى <مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش، سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ھەر دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمىز».

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ بۇرۇلتوقاي بازىرى يۇڭئەن يولى مەھەللىسى تەۋەلىك رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ «ئائىلە پارتىيە مەكتىپى» «بىرلەشمە ئائىلىلەر كېڭىشىش يىغىنى» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى. مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئوۋياڭ يۈلەن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھەللىنىڭ دېموكراتىك مەسلىھەتلىشىش، كېڭىشىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى كېڭىشىش يىغىنى، ئاھالىلەر كېڭىشىش يىغىنى، خەلق ئەھۋالى توغرىسىدا سەمىمىي سۆزلىشىش يىغىنى قاتارلىقلار ئارقىلىق، مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاھالىلەرنى مەھەللىنىڭ مۇھىم، زور ئىشلىرىدا تەدبىر بەلگىلەش ۋە مۇھىم ئاممىۋى ئىشلارنى باشقۇرۇشقا قانۇن بويىچە تەرتىپلىك قاتنىشىشقا يېتەكلەيمىز.

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ ئونسۇ بازىرىدا، ھەرقايسى مەھەللىلەر مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئاممىغا ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ئونسۇ بازىرىنىڭ لۇڭچۈەن مەھەللىسى شەھەر كۇتۇپخانىسىدا، ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىسى تۇرسۇنگۈل تۇنىياز ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەھەللە ئاھالىلىرىگە پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى.

پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ئون تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى»نى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ لۇڭچۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئابلىمىت قادىرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى، بىز پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەندە، قەلبىمىز ئىنتايىن ئىللىقلىققا تولىدۇ. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ».

(مۇخبىر يۈ شى، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋېي خۇڭپىڭ، خەن چىنيەن، جاڭ تىڭ، جاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار چېڭ شىلىن، دىڭ ئەن، شيې گۇاڭشۈن)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.