تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​لېكسىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن

چيەن جۈنلى:​

لېكسىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ روچۇ

10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئەتىگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، فۇكاڭ شەھەرلىك يەسلى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يەسلى باشلىقى چيەن جۈنلى خاتىرىسىنى رەتلەپ، پارتىيە ئىزنىكىنى تاقاپ، فۇكاڭ شەھەرلىك يەسلىدە بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىدىن لېكسىيە سۆزلىدى ھەم يەسلىنىڭ خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يىغىنغا قاتنىشىش تەسىراتىنى كەڭ - كۇشادە بايان قىلدى.

«مەن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى، بولۇپمۇ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى ئىشلىرىنىڭ زور تەرەققىياتىنى باشتىن كەچۈردۈم. مەن ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىنىڭ پارتىيە ۋەكىلى، مەن پارتىيە قۇرۇلتىيى روھىنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئوقۇتقۇچىلارغا بىرىنچى ۋاقىتتا يەتكۈزۈشنى ئويلىدىم» دېدى چيەن جۈنلى.

«يەسلىگە كىرىش قىيىن بولۇش»تىن «ئىشىك ئالدىدىكى يەسلى»گىچە، «يەسلىگە كىرىش قىممەت بولۇش»تىن «پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇش»قىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇقرالارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى...

«مەن تۇرۇشلۇق فۇكاڭ شەھىرى مائارىپقا زور مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىنىڭ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى، شەھەر رايونىدىكى يەسلىلەر ئىلگىرىكى بىردىن كۆپىيىپ بۈگۈنكى كۈندە يەتتىگە يەتتى. ھەربىر يېزا - بازاردا بىر مەركىزىي يەسلى بولۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار يەسلىلەر شەھەر - يېزىلارنى قاپلىغان يەسلى باشقۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەندى» دېدى چيەن جۈنلى.

ياش ئوقۇتقۇچى يۈەن تىڭتىڭ بىر تەرەپتىن لېكسىيە ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن خاتىرە قالدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتى ئىشەنچنى ئاشۇردى، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىدى، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. يېڭى دەۋردىكى ياش ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى پۇختا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، <تۆتكە ئىگە ياخشى ئوقۇتقۇچى> ۋە <تۆتتە يول باشلىغۇچى> بولۇشنى ھەرىكەت مىزانى قىلىپ، ئىلمىي يېتەكلەپ، يىلتىزنى پەرۋىش قىلىپ روھنى تاۋلاپ، ئەقىل - پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ قەلبلەرنى ئىللىتىپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى ياخشى يېتىشتۈرىمەن».

پارتىيە ئەزاسى، ئوقۇتقۇچى يۈەن ۋېنياڭ مۇنداق دېدى: «مەن سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، بالىلارنى پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان تەربىيەنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەيمەن».

فۇكاڭ شەھەرلىك يەسلىنىڭ مۇئاۋىن يەسلى باشلىقى ما شۆمېي ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى بىلەن شۇغۇللانغان 30 يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئادەم تەربىيەلەشنى ئەسلىي مەقسەت قىلىپ، بۇرچ تۇيغۇمنى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇمنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ساپايىمنى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىمەن».

چيەن جۈنلى مۇنداق بىلدۈردى: 100 يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاندا مائارىپ ئاساس، بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مائارىپ بازىسىنى ياخشى ساقلاپ، مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق رازى بولىدىغان يەسلى بەرپا قىلىشى كېرەك.

چيەن جۈنلى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى خىزمەتچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ئاممىۋى پاراۋانلىق پىدائىيسى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن يىغىن روھىنى ۋاقتىدا ئاساسىي قاتلام مەكتەپلىرى، شۇنداقلا مەن تۇرۇشلۇق ئاممىۋى پاراۋانلىق تەشكىلاتىغا يەتكۈزۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى تەشۋىق قىلىمەن، ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.