تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كارخانا ساھەسىدىكىلەر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى مۇساپە باشلاندى، يېڭى نىشان يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا چاقىردى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كارخانا ساھەسىدىكىلەر ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئۇلار چوڭقۇر ئىلھام ئېلىپ، ئىنتايىن روھلىنىش بىلەن بىللە، يەنە مەسئۇلىيىتىنىڭ مۇھىم، زورلۇقىنى، بۇرچىنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىمىز.

10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئورگان كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، بارلىق كادىرلار، خىزمەتچىلەرنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دۆلەت كارخانىسىنىڭ كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا چاقىردى. شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر جاڭ گوخۇا مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ رەڭلىك مېتال گۇرۇھى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، مەۋقەنى كەسىپنىڭ ئورنىنى بەلگىلەشكە قويۇپ، ۋەزىپە ـ مەسئۇلىيەتنى پائال تولۇق ئادا قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى پىلانلاش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىدۇ، بولۇپمۇ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە كۈچىنى تەقدىم قىلىدۇ.

10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ نېفىتلىك شۆبە شىركىتى پارتىيە كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئىجرائىيە مۇدىرى خو جىن مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى كونكرېت خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچىمىزنى تەقدىم قىلىمىز.

«زاكاز يەنە بىر قېتىم شىددەت بىلەن كۆپەيدى، قالتىس بولدى! تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ شىنجاڭ نېنىنى، سامسىسىنى ياقتۇرۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.» 10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى كەچتە، شىنجاڭ دوۋكۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئادىل ئابلانىڭ دوستلار چەمبىرىكىگە چىقارغان بىر ئۇچۇرى سانسىزلىغان ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شىركەت بارلىق خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: <ئون چوڭ كەسىپ>نى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ بىزنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى، كەلگۈسىدە شىركىتىمىز تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىتىدۇ».10 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، شىنجاڭ شىنيې دۆلەت مۈلكى تىجارىتى(گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىشنى چۆرىدەپ، مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قىلدى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. يىغىنغا قاتناشقان خادىملار بىردەك مۇنداق قارىدى: پارتىيە قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا بەش يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، كەلگۈسى بەش يىللىق ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىلدى، بۇ كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. گۇرۇھ پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر ۋەن جېڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئەمەلىي كەسىپ سېلىنمىسى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، مۈلۈك باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىمىز».

10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، خۇاديەن شىنجاڭ توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. شىركەت پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر خەن سۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايوندىكى تايانچ ئېنېرگىيە كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىركىتىمىز ئاپتونوم رايون بىلەن ئىمزالىغان «ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، «14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە پىلان بويىچە شىنجاڭغا 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقىنى 20 مىليون كىلوۋات كۆپەيتىش نىشانىنى ئورۇندايدۇ. كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىغا ئاساسەن، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساقلانما مىقدارلىق كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشىدۇ.

«يېڭى ئېنېرگىيە گۇرۇھى ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، <قوش كاربون> نىشانىنى چۆرىدەپ، <يېڭى ئېنىرگىيە كەسىپلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مۇھىت قوغداش كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش> ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى پۇرسەت بىلىپ، يېشىل كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچىنى تەقدىم قىلىدۇ» دېدى شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور ۋۇ خۇا.شىنجاڭ خۇايۈەن پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر لى جۈن ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: شىركەتنىڭ مىللىي تېبابەت دورىسى، شەھەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە يېشىل ئىمارەت تۇرالغۇ كەسپى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي يۈكسەكلىكىمىزنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى قۇرۇلتاينىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

(مۇخبىر شى شىن، قاتناشقان مۇخبىرلار يۈ جياڭيەن، شيې خۇيبيەن، چېن چياڭۋېي، ما يىنىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شى ۋېيجيا، گاۋ پېڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.