تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​قەتئىي ھالدا دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى​

قەتئىي ھالدا دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك

10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلدى. چېن چۈەنگو (ئوتتۇرىدا) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى، ئەركىن تۇنىياز (ئوڭدىن 7 - كىشى)، لى يىفېي (سولدىن 7 - كىشى)، جاڭ چۇنلىن (ئوڭدىن 6 - كىشى)، خې جۇڭيوۋ (سولدىن 6 - كىشى) ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا سايلاندى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا ياڭ چېڭ (ئوڭدىن 5 - كىشى)، جاڭ جۇ (سولدىن 5 - كىشى)، تيەن شياڭلى (ئوڭدىن 4 - كىشى)، چېن ۋېيجۈن (سولدىن 4 - كىشى)، ۋاڭ مىڭشەن (ئوڭدىن 3 - كىشى)، زۇمرەت ئوبۇل (سولدىن 3 - كىشى)، ياڭ فاسېن (ئوڭدىن 2 - كىشى)، يۈسۈپجان مەمەت (سولدىن 2 - كىشى)، ئېلزات ئەخمەتجان (ئوڭدىن 1 - كىشى)، قادېن كەبىن (سولدىن 1 - كىشى) سايلاندى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

يولداش چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلانغاندىن كېيىن سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 9 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ھەرمىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم، زور نەتىجە - ئۈنۈمنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. ھازىردىن باشلاپ، بىز 9 - نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈۋېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئالدۇق، بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىزدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدى، دەۋر بىزگە يۈكلىگەن مۇقەددەس ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلق بىزگە تاپشۇرغان شەرەپلىك شۇنداقلا مۈشكۈل تارىخىي ۋەزىپە. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

بىرىنچىدىن، سىياسىيدا سادىق بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پولاتتەك ئىرادە بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، قەتئىي تەۋرەنمەسلىك، چېكىنمەسلىك، ئۆكۈنمەسلىك كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئۇلۇغ بايراقنى باشتىن - ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈش كېرەك. سىجىل تۈردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق چۈشۈنۈش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ئىدىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، نەزەرىيە جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، ھېسسىيات جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، كەسكىن قوغدىغۇچىلىرى، ئاڭلىق تەشۋىقاتچىلىرى، سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، دىققەتنى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. باشتىن - ئاخىر ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار بولۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشى، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بارلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتقا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى، بىرلىكنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش كېرەك. باشتىن - ئاخىر خەلقنى قەلبتە ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى يولغا قويۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك.

يەتتىنچىدىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىغا دائىر تەتقىقات، شەرھلەش ۋە تەشۋىق - تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى تەربىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى كۈچەپ قۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى كەڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش داۋامىدا «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئىلگىرى سۈرۈشكە، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك.

سەككىزىنچىدىن، دىنلارنىڭ ئېجىل - ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك.

توققۇزىنچىدىن، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي بايراقنى كۆتۈرۈپ، خەلق قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى كىشىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈپ، ئوبرازنى نامايان قىلىپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى باراۋەرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ئۇيۇشتۇرۇش، مۇجەسسەملەش كېرەك.

ئونىنچىدىن، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، «كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش» تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئون بىرىنچىدىن، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر ئائىلە دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، مۇقىملىقنى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئون ئىككىنچىدىن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايوندىكى كادىرلارنىڭ سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك بەنزىسى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە يارىتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك.

چېن چۈەنگو ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى ۋە 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.