تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چىن قەلب بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان مۇرەسسەچى

كۈلەن ئاشىنبېك:​

چىن قەلب بىلەن كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدىغان مۇرەسسەچى

□ ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سائەت 9 لاردا، كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازارلىق ئەدلىيە ئورنىنىڭ باشلىقى كۈلەن ئاشىنبېك توكسىكلىتقا مىنىپ، بىر كۈنلۈك ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىش خىزمىتىنى يەنە باشلىدى.

20 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۈلەن ئاشىنبېك مۇرەسسەچىلىك ئىش ئورنىدا 28 يىل خىزمەت قىلدى. چېقىش - كۆچۈرۈش، ئەدلىيە ماجىراسى ھەمدە ئامما دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار ئالدىدا، ئۇ مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىشنى تاللىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ چىن ھېسسىيات ۋە ئادىللىق بىلەن زىددىيەت، ماجىرالارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ سىردىشىغا ئايلاندى.

«كۈلەن ئاچامنىڭ ياردىمىدە مەن ئاخىر مائاشىمنى ئالدىم، ھازىر يۇرتۇمغا قايتىپ كەلدىم» دېدى خېنەنلىك ئىشلىگۈچى لى گوشۇ تېلېفوندا.

9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئوتتۇرا ياشلىق بەش ئەر كىشى كۆكتوقاي بازارلىق ئەدلىيە ئورنىنىڭ مۇرەسسە ئىشخانىسىغا كەلدى. ئەسلىدە ئۇلار بازاردىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلىگەن بولۇپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن، لاۋبەن خې X ئىزچىل مائاش بەرمىگەچكە، ئۇلار بۇ يەرگە كۈلەن ئاشىنبېكتىن ياردەم سوراپ كەلگەن.

كۈلەن ئاشىنبېك ئەھۋالنى ئېنىق ئىگىلىگەندىن كېيىن، خې Xنى تېپىپ، ئۇنىڭغا ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، داۋلى سۆزلەپ ئۇنى تەسىرلەندۈردى، خې X ئىش ھەققىنى ناھايىتى تېزلا بۇ بەش ئالاقىدار كىشىگە تارقىتىپ بەردى.

«مۇرەسسە خىزمىتىنىڭ كۆپىنچىسى كۈندىلىك ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار بولۇپ، بەزىدە بىر دېلونى مۇرەسسە قىلىشقا بىر - ئىككى يىل ۋاقىت كېتىدۇ، لېكىن مەن ئۆزۈمگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، قوبۇل قىلغانلىكى دېلونى چوقۇم ئاخىرىغىچە ھەل قىلىپ، ئالاقىدار كىشىلەرگە جاۋاب بېرىمەن، شۇنداقلا ئۆزۈمنىمۇ خاتىرجەم قىلىمەن» دېدى كۈلەن ئاشىنبېك.

ھەر كۈنى، كۈلەن ئاشىنبېك ھەمىشە بىرىنچى بولۇپ ئىشخانىغا كېلىدۇ، ئاندىن ئۆيمۇئۆي كىرىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ زىيارەت ئېلىپ بارىدۇ. 28 يىلدىن بۇيان، ئۇ مۇرەسسە قىلىشقا بىۋاسىتە قاتناشقان ئائىلە، قوشنىدارچىلىق، ئۆيلىنىش، يەر قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەق تەلەپ ماجىرالىرى 5000 قېتىمدىن ئاشتى.

كۈلەن ئاشىنبېك ھەر ئايدا زىددىيەت، ماجىرالارنى چوڭ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنىڭ تۆت قېتىمدىن ئاز بولماسلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەت، ماجىرا ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا، توغرا ئىگىلەپ، خىزمەتنى ئالدىن ئىشلەپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلىدى. زىددىيەت، ماجىرالارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ئاممىغا ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملاردىن لېكسىيە سۆزلەپ، ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتتى.

ئاساسىي قاتلام ئەدلىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 28 يىلدىن بۇيان، كۈلەن ئاشىنبېك بازار، كەنت (مەھەللە)، گۇرۇپپىدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك مۇرەسسە مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تۆت «كۈلەن مۇرەسسە ئىشخانىسى» قۇرۇپ، بازار، كەنت ئىككى دەرىجىلىك مۇرەسسە خادىملىرى قوشۇنىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ھەل قىلىپ، تۈرلۈك زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى %98تىن ئاشۇرۇپ، كىچىك ئىشلارنى گۇرۇپپىدا ھەل قىلىش، ئوتتۇراھال ئىشلارنى كەنت(مەھەللە)تە ھەل قىلىش، چوڭ ئىشلارنى بازاردا ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن. مەن داۋاملىق سەۋرچانلىق ۋە قىزغىنلىق بىلەن خەلق مۇرەسسە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىر ئاساسىي قاتلام كادىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، خەلقنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، خەلقنىڭ غېمىنى يەيمەن» دېدى كۈلەن ئاشىنبېك قەتئىيلىك بىلەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.