تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاددىي ئەمما قابىل مەھەللە خىزمەتچىسى

يۈەن جىڭ:

ئاددىي ئەمما قابىل مەھەللە خىزمەتچىسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، قاراماي مۇخبىرلار پونكىتىدىن تيەن خۇايىڭ

10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتە، قاراماي شەھىرىنىڭ قاراماي رايونىدىكى يىڭبىن كوچا باشقارمىسى يادىيەننا مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يۈەن جىڭ مەھەللە ئاھالىسى ئۆيىدىكى پارنىڭ ئىسسىمايدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان تېلېفوننى قوبۇل قىلدى.

«خاتىرجەم بولۇڭ، بىز سىزگە ياردەم قىلىپ بۇ ئىشنى چوقۇم ياخشى ھەل قىلىمىز!» يۈەن جىڭ دەرھال مەھەللىدىكى ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئالغان كادىر ۋە مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىدىكى رېمونتچى خادىملار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئاھالىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، پارنىڭ ئىسسىماسلىق سەۋەبىنى تېپىپ چىقتى ھەم رېمونت قىلدى. شۇ كۈنى مەسىلە تولۇق ھەل قىلىندى.

«مەھەللە خىزمىتى ناھايىتى ئاددىي بولسىمۇ، بىراق مەھەللە خىزمەتچىلىرى قابىل بولمىسا بولمايدۇ.» بۇ، يۈەن جىڭ مەھەللە خىزمىتى ئىش ئورنىدا ئۆزىگە بېكىتكەن خىزمەت مىزانى.

قانداق قىلغاندا ئاددىي ئىش ئورنىدا قابىل بولغىلى بولىدۇ؟ ئاساسىي قاتلامدا نۇرغۇن يىل خىزمەت قىلغان كادىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۈەن جىڭنىڭ ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتەك «ئەڭگۈشتەر»ى بار.

يادىيەننا مەھەللىسىدە 8000غا يېقىن نوپۇس بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1600دىن ئارتۇق كۆچمە نوپۇس بار. تەۋەلىكتە سودا تور نۇقتىسىدىن 235ى بار، ئاممىنىڭ مەنپەئەت ئىلتىماس - تەلىپى كۆپ خىل، مەھەللىنىڭ ئەھۋالى مۇرەككەپ بولۇپ، پەقەت مەھەللە «ئىككى كومىتېت»ىغا تايىنىپلا مەھەللىنى ياخشى ئىدارە قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىرقەدەر چوڭ.

بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يۈەن جىڭ ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەۋەلىكتە 16 ئورۇن(تارماق)نىڭ پارتىيە ياچېيكىسى بارلىقىنى، مەھەللىدە ئىشلەۋاتقان، پېنسىيەگە چىققان 2000دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بارلىقىنى ئىگىلىدى. ئۇ «ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ پارتىيە قۇرۇلۇشى قىلىش»، مەھەللىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى «دوستلار چەمبىرىكى»دە كېڭەيتىشتەك خىزمەت پىكىر يولىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2019 - يىلى، يادىيەننا مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتى باش بولۇپ، تەۋەلىكتىكى ھەرقايسى ئورۇن(تارماق)لارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن مەھەللە «چوڭ پارتىيە كومىتېتى» قۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەھەللە «چوڭ پارتىيە كومىتېتى» قوش يۆنىلىشلىك مۇلازىمەت قىلىش، قوش يۆنىلىشلىك كېڭىشىش، «ئۈچ تىزىملىك» قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورناتتى، مەھەللە ۋە مەھەللىدە تۇرۇشلۇق ئورۇنلار قوش يۆنىلىشلىك مۇلازىمەت قىلىدىغان، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورتاق قانات يايدۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە خەلقنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىشتە، «بىر نۇقتا»دا مەسىلە بايقالسا، «بىر تور»دا مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان خىزمەت يېڭى ئەندىزىسىنى ئورناتتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يادىيەننا مەھەللىسى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان كەسىپ ئىش تۈرلىرىگە ئاساسەن، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەھەللىنىڭ ئىش بېجىرىش مۇلازىمەت ئورنىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، «ئىككى كومىتېت، ئىككى مەركەز» بار بولغان «بىر بېكەت شەكلى»دىكى ئىش بېجىرىش زالىنى قۇردى. نەق مەيداندا ئىجتىمائىي كاپالەت، كۆچمە نوپۇسلارنى باشقۇرۇش، توك كارتىسىغا پۇل قاچىلاش قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلاردىن 63نى بېجىرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەھەللە «چوڭ پارتىيە كومىتېتى»دىكى ئالاقىدار ئەزا ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلاشتى، ئاقىل مەھەللە سۇپىسىنىڭ تېلېۋىزور تېرمىنالىغا تايىنىپ، ئاھالىلەر تېلېۋىزورنى ئاچسىلا مەھەللىدە بېجىرگىلى بولىدىغان تۈرلۈك ئىشلارنى ۋە ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئىگىلىيەلەيدىغان بولدى، يەنە تۈرلۈك مەسىلە ۋە ئىلتىماس - تەلەپلەرنى يوللىيالايدىغان بولدى، ئىلتىماس - تەلەپلەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ھەر ۋاقىت ئىز قوغلاپ ھەل قىلىپ، ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»ىنى ھەقىقىي تۇتاشتۇردى.

ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ چېكى يوق. ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، يۈەن جىڭ يەنە باش بولۇپ مەھەللە «قىزىل ھۈجەيرە» پارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، مۇھىتنى تۈزەش، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش، نامراتلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر يۈرۈش مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى، جەمئىي مۇلازىمەت قىلغان ئامما 5000دىن ئارتۇق ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ھەقىقىي تۈردە مەھەللىنى ئاھالىلەرنىڭ بەختلىك ماكانى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.