تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى خۇلاسىلەندى، تەھلىل قىلىندى، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ۋەقە، ئاپەتلەرنىڭ يۈزبېرىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم بولۇشى، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا بىخەتەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى سىجىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىش، ھوشيارلىقنى دائىم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھادىسە يۈزبېرىشنى توسۇش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشتا ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئېغىر، زور بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ پۇختا ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇتلەق تەكشى، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەزگىلىدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئاپەتلەرگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلە ئاسان يۈزبېرىدىغان، كۆپ يۈزبېرىدىغان نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ ھەم يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، ھادىسىدىن تۈزەشنى تۇتۇش، تېخىمۇ مۇھىمى قائىدە - تۈزۈم ئورنىتىپ، ئۇزاققىچە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، تۈزىتىش لايىھەسى تۈزۈپ، تۈزىتىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىشنى كۈچەيتىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق بىر يوچۇقنى بوش قويۇۋەتمەي، ھەرقانداق قاراڭغۇ نۇقتىغا سەل قارىماي، ھەرقانداق بىر يوشۇرۇن خەۋپنى قالدۇرماي، بارلىق مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپىنى ئۆلچەم بويىچە تۈزىتىش، مۆھلەت ئىچىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش» تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار «ساھەنى باشقۇرۇشتا جەزمەن بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش، كەسىپنى باشقۇرۇشتا جەزمەن بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى باشقۇرۇشتا جەزمەن بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش» تەلىپى بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ھەرقايسى كارخانىلار سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتا ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار دېگەن ئاڭنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كەسكىن جاۋابكارلىققا تارتىپ سۈرۈشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش «مەسئۇلىيەت تورى»نى زىچ توقۇشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى ئىشلەشتىكى كىرىزىس تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش چوڭ ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ياخشى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.