(موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
ئانار بۇلۇت خەۋىرى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى سارقوبۇ يېزىسى تەۋەسىدىكى بۇلۇتلۇق يايلاقنىڭ يەر شەكلى ئېگىزرەك بولۇپ، تىيانشان تاغ تىزمىسى بىلەن تۇتىشىپ تۇرىدۇ، ئۈستىدىن قارىغاندا موڭغۇلكۈرە زېمىنىنى كۆرگىلى بولىدۇ، قارلىق تاغ، ئوتلاق، ئېقىن، قارىغايلىق، توپ-توپ قوي-كالىلار كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولۇپ، خۇددى چۆچەك دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىمىز، تاغلىق رايوننىڭ ھاۋاسى ئۆزگىرىشچان بولغاچقا، دائىم بۇلۇت ۋە تۇمانلار لەيلەپ يۈرىدۇ. شۇڭا بۇ جاي «بۇلۇتلۇق يايلاق» دەپ ئاتالغان.
بۇلۇتلۇق يايلاقتا سەيلە قىلغاندا، تاغ-دالىلارنى ھەر خىل ياۋا گۈللەرنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز، يىراقتىكى تاغ تىزمىلىرى تۇتاش كەتكەن، ئېگىز-پەس بولۇپ، چوققىلاردىكى بۇلۇت قاتلىمى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇ يەر خۇددى تەبىئەتنىڭ ئەركىن سىزىپ قويغان ماي بوياق رەسىمىگە ئوخشاش كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ.