10-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرى بورانچى كەنتىدىكى باغدا، باغۋەنلەر ئالمىلارنى ئايرىپ تاللاش بىلەن ئالدىراش بولماقتا.
ئانار بۇلۇت خەۋىرى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرىدا 15 مىڭ مو يەردىكى ئالمىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، باغۋەنلەر توردا، تور سىرتىدا ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇپ سېتىش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك بىڭتاڭشىن ئالمىسىنى مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە ساتتى.