ئاپتورلار: لى مىڭ، ۋارىسجان ئۆمەرجان، ياڭ مېي
10-ئايدا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسىدىكى 730 مىڭ مو يەردىكى پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ھازىر پاختىكارلار پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئاكتىپلىق بىلەن يېڭى پاختىلارنى ئۈزۈپ، ساتتى، ھەرقايسى پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرى پۈتۈن كۈچ بىلەن تەرتىپلىك ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ. 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ ماناس يىنتيەن پاختىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش نۇقتىسىدا، پاختىدىن مول ھوسۇل ئالغان دېھقانلار پاختىلار لىق بېسىلغان ئاپتوموبىللارنى ھەيدەپ ئارقا-ئارقىدىن سېتىۋېلىش نۇقتىلىرىغا كېلىپ يېڭى پاختىلارنى ساتتى. ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ ماناس يىنتيەن پاختىچىلىق چەكلىك شىركىتى 10 مىڭ توننا چىگىتلىك پاختا سېتىۋېلىپ، 2500 توننا ساپ پاختا پىششىقلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماناس ناھىيەسى نۇقتىدا سىناق قىلىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، پاختىكارلار ۋە پىششىقلاش كارخانىلىرىنى پاختىنى دەرىجىگە ئايرىپ ئۈزۈش، دەرىجىگە ئايرىپ دۆۋىلەش، دەرىجىگە ئايرىپ پىششىقلاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق پاختا سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلىدى.
10-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ ماناس يىنتيەن پاختىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش نۇقتىسىدا، خىزمەتچى خادىملار يېڭىدىن سېتىۋالغان پاختىلارنى دەسلەپكى قەدەمدە پىششىقلىماقتا.
10-ئاينىڭ 12-كۈنى، بوشلۇقتىن تارتىلغان شىنجاڭ ماناس يىنتيەن پاختىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش نۇقتىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ پاختىلارنى پىششىقلاۋاتقان سۈرىتى.
10-ئاينىڭ 12-كۈنى، بوشلۇقتىن تارتىلغان شىنجاڭ ماناس يىنتيەن پاختىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ پاختا سېتىۋېلىش، پىششىقلاش نۇقتىسىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ پاختىلارنى دۆۋىلەۋاتقان سۈرىتى.
ۋارىسجان ئۆمەرجان فوتوسى
ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: ماناس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى