تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئەڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسى | ئورمانلار قويۇق كۈز مەنزىرىسىگە پۈركەندى  تاغ ـ دالىلاردا رەسىمدەك گۈزەل مەنزىرە ھاسىل بولدى

   ئانار بۇلۇت خەۋىرى 10-ئاي كىرىشى بىلەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كۈنەس ناھىيەسى قارا بۇغرا بازىرىدىكى ساخا مەنزىرە رايونى تەنتەنىلىك كۈز مەنزىرىسىنى كۈتۈۋالدى، بۇ يەر ئەڭ رەڭگارەڭ تۈسكە ئىگە بولۇپ، كۈز مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى.

  بۇ يەردىكى ئورمانلار، تاغ ـ دالىلار قويۇق كۈز مەنزىرىسىگە پۈركەنگەن بولۇپ، كۆرگەنلا كىشىنى مەستخۇش قىلىپ، خۇددى بىر پارچە رەڭگارەڭ يارقىن يۆگىمە رەسىم ئاستا-ئاستا يېيىلغاندەك كۆرۈنەتتى. قىپقىزىل، ئالتۇندەك جۇلالىق، ياپيېشىل ... ئېگىز-پەس تاغ جىلغىلىرى ئارىسىدا بىر-بىرىگە زىننەت بېغىشلاپ، كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. كۆپكۆك ئاسمان، قارلىق تاغ، ئوتلاق، ئورمانلىق، كۆل، ياغاچ ئۆي، قوي-كالا، ئات-ئۇلاغلار.... ھەربىر رەڭدار مەنزىرە كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ، مەپتۇن قىلاتتى. تەبىئەتتىكى بۇ جانلىق رەڭ تەڭشەش تاختىسىدا، ئورمانلار ھەرخىل رەڭدە بويالغان بولۇپ، خۇددى چۆچەكلەردىكىدەك شېئىرىي تۇيغۇغا ئىگە ئىدى. 

  (مۇخبىر جاڭ ۋېنتىڭ، لى جىنۋېي، تيەن مىنخۇي)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.