تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

ئابدۇغېنى يورۇقلۇققا ئېرىشىپ يۇرتىغا قايتىپ كەلدى، كەنت ئاھالىلىرى كەينى-كەينىدىن ئۇنى يوقلاپ كەلدى «سىز ياخشى دەۋرگە ئۇلىشىپ، بۇنچە كۆپ ئاقكۆڭۈل كىشىلەرگە ئۇچىراپسىز!»

   [كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى كۆچۈرگەن شىنجاڭلىق ئوغۇل بالىغا نەزەر]

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ شۇخەن خەۋەر قىلىدۇ) 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، نۇرغۇن يىل «يورۇقلۇق»تىن مەھرۇم قالغان ئابدۇغېنى مەھمۇت كۆز مۈڭگۈز پەردە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن گۇاڭجوۋدىن يۇرتى قەشقەرگە قايتتى.

   «ئابدۇغېنىنىڭ ئۆيگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز.» سائەت 23:20دە، قەشقەر ئايرودۇرۇمى زالىدا، گۇاڭدۇڭدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن دوختۇرلار قارشى ئېلىش تاختىسىنى كۆتۈرۈپ، ئابدۇغېنىنى كۈتۈۋالدى. شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن دوختۇر شيۇڭ كې ئەڭ ئاۋۋال ئابدۇغېنىنى كۆرۈپ، قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ قولىنى پۇلاڭلاتتى. «سىلەرنىڭ مېنى ئالغىلى چىققانلىقىڭلارغا رەھمەت!» دېدى ئابدۇغېنى گۈل ۋە ئۆزىنىڭ ئىسمى يېزىلغان كارتون قارشى ئېلىش تاختىسىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال ھالدا.

گۇاڭدۇڭدىن شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن دوختۇرلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ئابدۇغېنىنى كۈتۈۋالدى ھەمدە غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياڭ شۇخەن فوتوسى

    شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن دوختۇرلار ئابدۇغېنىنىڭ كۆزىگە قاراپ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا، ئۇنىڭدىن ئۇزاق ئۇچۇش جەريانىدا كۆز دورىسىنى ۋاقتىدا تېمىتقان ـ تېمىتمىغانلىقىنى سورىدى ھەمدە ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن كۆزىنى ئاسراشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تاپىلىدى.

    شىنجاڭغا ياردەمگە كەلگەن دوختۇرلار بىلەن كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشقاندىن كېيىن، ئابدۇغېنى ئاپىسى بىلەن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى توپىچاق كەنتىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە يېرىم كېچە بولغانىدى، ياشىنىپ قالغان مومىسى چىراغ يورۇقىدا نەۋرىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. نەۋرىسىنى سېغىنغان موماي ئۇنىڭ كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن كۆزلىرىگە ياش ئالدى.

    10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەتىگەندە، سەھەر تۇرغان ئابدۇغېنى قورۇدا توكسىكلىتىنى سۈرتۈۋاتاتتى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ جىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ: «سىزنىڭ قايتىدىن يورۇقلۇققا ئېرىشكىنىڭىز بەكمۇ ياخشى بولدى!» دېدى. ليۇ جىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ مەزگىلدە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى سىزدىن ناھايىتى ئەندىشە قىلدى، بۇنداق ياخشى ئەسلىگە كەلگەنلىكىڭىزنى كۆرۈپ، ھەممىمىز خۇشال بولدۇق».

يېزا كادىرلىرى ئابدۇغېنىنى يوقلاپ كەلدى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چاڭفۇ فوتوسى

    قولۇم-قوشنىلار ئابدۇغېنىنىڭ ئۆيگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ، كەينى-كەينىدىن يوقلاپ كىردى.

    «بالام، سىز ياخشى دەۋرگە ئۇلىشىپ، بۇنچە كۆپ ئاقكۆڭۈل كىشىلەرگە ئۇچىرىدىڭىز! بۇنى چوقۇم قەدىرلەڭ، مىننەتدار بولۇشنى بىلىڭ، چوڭ بولغاندا ياراملىق يىگىت بولۇڭ!»دېدى كەنت ئاھالىسى مىجىت ئابدۇغېنىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ.

    54 ياشلىق قوشنىسى مەترېيىمخان سەيدۇللا ئابدۇغېنىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بالام، ھازىرقىدەك تېز مېڭىشلىرىڭغا قاراپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئېھتىيات قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىڭنى كۆرۈپ، ھەقىقەتەن سەن ئۈچۈن خۇشال بولدۇم».

كەنت ئاھالىسى مىجىت ئابدۇغېنىنى يوقلاپ كەلدى.

تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ چاڭفۇ فوتوسى

    يەنە تېخىمۇ ياخشى خەۋەرلەر ئابدۇغېنىنى كۈتمەكتە. 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، جەمئىيەت ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق خەير -ساخاۋەت پىدائىيلار مۇلازىمەت تەشكىلاتى — گۇاڭدۇڭ شىزى جەمئىيىتى ئابدۇغېنىنىڭ بىرنەچچە ئايدىن كېيىنكى سول كۆزىنىڭ مۈڭگۈز پەردە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ بارلىق خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    «بىز ھەممىمىز ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، ئابدۇغېنى ئاغرىپ قالدى، بىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ۋە ياردەم بېرىشىمىز كېرەك». گۇاڭدۇڭ شىزى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ۋۇ چياڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى، گۇاڭدۇڭ شىزى جەمئىيىتى شىنجاڭدىكى كۆز كېسىلى، جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ۋە مېيىپلەر قاتارلىق كىشىلەرگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ياردەم بېرىپ، كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئىللىقلىقنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى