تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەگە سادىق قەلبنى ساقلاپ ئۇرۇق چاچتى

قۇربان نىياز:

پارتىيەگە سادىق قەلبنى ساقلاپ ئۇرۇق چاچتى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

«مەن بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، پارتىيە مېنى يېتىشتۈردى ۋە تەربىيەلىدى، مەن مائارىپ ئىشلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىشلىرى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەنىڭ مېھىر ـ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىمەن» دېدى 10 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرىدىكى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى قۇربان نىياز.

2003 ـ يىلى قۇربان نىياز ۋەتەن ئۈچۈن لاياقەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، مائارىپ ئارقىلىق چېگرا رايوندىكى بالىلار ئۈچۈن زامانىۋى مەدەنىيلىككە تۇتىشىدىغان «كۆۋرۈك» سېلىش غايە ـ ئېتىقادىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يىغقان بارلىق پۇلىنى چىقىرىپ ئىماملىرىم بازىرىدىكى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇردى. ئۇ ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، بىر تۈركۈم بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى.

مەكتەپ قۇرۇش جەريانى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەس بولۇش، ئوقۇتقۇچىلارنى تۇتۇپ قېلىش تەس بولۇش، ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەس بولۇش، بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىش تەس بولۇش ... ئەمدىلا باشلانغاندا، نۇرغۇن ئاتا ـ ئانىلار بالىلىرىنى بىر ئىشىنىپ، بىر ئىشەنمىگەن ھالدا قۇربان نىياز ئاچقان مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى. ناھايىتى تېزلا، ئاتا ـ ئانىلار قۇربان نىيازنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ بالىلارغا ياخشى بولۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

مەكتەپ كۇەيبەن مۇئەللىمى تەكلىپ قىلىپ بالىلارغا كۇەيبەن قوشىقى ئېيتىشنى ئۆگىتىپ، ئۇلاردا ئۆگىنىش قىزغىنلىقى يېتىلدۈردى؛ تېلېۋىزور، ئۈنئالغۇ تېپىپ كېلىپ، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ياردەم بەردى... بىر مەزگىل بىللە تۇرغاندىن كېيىن، بالىلار مۇئەللىملەرنى «ئاپا» «دادا» دەپ ئاتايدىغان بولدى.

بالىلار جىم ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاپ، ئەستايىدىل تاپشۇرۇق ئىشلەپ، «مۇئەللىم» دەپ ئېنىق توۋلىغاندا، ئاتا ـ ئانىلار بالىلارنىڭ ئىش ئۇقىدىغان بولغانلىقىنى، بىلىم ئالغانلىقىنى بايقىدى. بالىلاردىكى ئۆزگىرىشكە قۇربان نىيازنىڭ يۈرەك قېنى مۇجەسسەملەنگەن.

ھازىرغا قەدەر، ئىماملىرىم بازىرىدىكى دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىدىن 11 قارار يېتىشتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە 825 ئوقۇغۇچى رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپىغا قوبۇل قىلىندى، يەنە ئۇچتۇرپان ناھىيەسى تارىخىدىكى تۇنجى چىڭخۇا داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، قۇربان نىياز جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمى دەرسخانىسى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى قەدىمكى شېئىرلارنى يادلاش، جىڭجۈ تىياتىرى ئېيتىش، خەتتاتلىقنى مەشىق قىلىش قاتارلىقلارغا تەشكىللەش ئارقىلىق، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلدى.

ئىماملىرىم بازىرىدا، 2020 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىدا ۋىۋىسكا ئېسىلغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى چوڭ قورۇسى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى، بۇ جۇڭخۇا مەدەنىيىتى چوڭ قورۇسىنى قۇربان نىياز 1 مىليون 700 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ قۇرغان، يۇرتداشلارنىڭ ساز، شىچۈ تىياتىرى، خەتتاتلىق، رەسىم سىزىش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن تەييارلاپ بەرگەن سورۇن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇربان نىياز «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى» «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس» قاتارلىق نۇرغۇن شان ـ شەرەپكە ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شان ـ شەرەپ ھەم ئىلھام، ھەم تۈرتكە، مەن بۇنىڭدىن كېيىن بالىلارغا دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى ۋە جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىپ، ئۇلارنى سوتسىيالىزمنىڭ ئىشەنچلىك ئىز باسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.