تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«ئاممىنىڭ قەلبىنى باشتىن ـ ئاخىر ئىللىقلىققا تولدۇرىمەن»

چېن ۋېيبىن:

«ئاممىنىڭ قەلبىنى باشتىن ـ ئاخىر ئىللىقلىققا تولدۇرىمەن»

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ

10 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى سەھەردە، ئالتاي شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەش سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشتى، ئالتاي شەھىرى لەنتيەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ «پارتىيە ئەزالىرى زەربىدار ئەترىتى» ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىسسىقلىق پونكىتى، پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، ئاھالىلەرنىڭ پار ئىشلىتىش جەريانىدىكى مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. بۇ شىركەت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئالىي ئىنژېنېر چېن ۋېيبىن شىركەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش بۆلۈمى چوڭ ئېكرانىدىكى ھەرقايسى ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتلىرىنىڭ پارامېتىرلىرىغا كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى.

20 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە چېن ۋېيبىن پار بىلەن تەمىنلەشنى يۈرۈشتۈرۈش ئىش ئورنىدا 30 يىل خىزمەت قىلدى. ئۇ قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان تېخنىكىسى، ئېھتىياتچان، ئەمەلىيەتچىل خىزمەت ئىستىلىغا تايىنىپ، شىركەتتىكى بارلىق خادىملارنى ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە يېتەكلىدى. بۇ يىل ئۇ شەرەپ بىلەن «ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

«بىزنىڭ بۇ يەر كونا ئولتۇراق رايون. بۇ يىل پار بىلەن تەمىنلەش شىركىتى پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا يوللىرىمىزنى تازىلىدى، ھازىر ئۆي بەك ئىسسىق، بىز بەك رازى بولدۇق» دېدى شەھەر ئاھالىسى سۇڭ جىڭ.

ئاممىنى رازى قىلىشنىڭ ئارقىسىدا چېن ۋېيبىن ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى كۆرسەتكەن تىرىشچانلىق بار، كونا ئولتۇراق رايوننىڭ تۇرۇبا تورىنى ئاسراشتىن ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى تەڭشەپ سىناشقىچە، چېن ۋېيبىن سۈپەت ئۆتكىلىنى باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇتتى.

بۇ يىل 6 ـ ئايدىن بۇيان، شىركەت ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش مەزگىلىگە كىردى، چېن ۋېيبىن خىزمەتداشلىرىنى باشلاپ زاۋۇت ئۆيىدە چارلاپ تەكشۈرۈپ، دائىم سەھەرگىچە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىدى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىركەتنىڭ ھەرقايسى پونكىت نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى سۈرئەت تەلىپى بويىچە، سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا ئالغا سىلجىتىلىپ، جاپالىق خىزمىتى بەدىلىگە خېرىدارلارنىڭ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە شىركىتىنى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

كارخانا مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېن ۋېيبىن كۆپ يىللاردىن بۇيان «ئىش ئورنى ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىش، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى مەركەز قىلىش، ماھارەتنى ئۆلچەم قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى پىلانلىق، نۇقتىلىق تەربىيەلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ماركا يارىتىشنى خىزمەتنىڭ مەقسىتى قىلىپ، پار بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنى باھالاش ئۆلچىمىنى ئىلگىرىكى نوقۇل تېمپېراتۇرا كۆرسەتكۈچىدىن، ئاممىنىڭ تېمپېراتۇرا، سۈپەت، مۇھىت قوغداش، بىخەتەرلىك، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى باھالاش ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچىگە ئۆزگەرتتى.

«بىز دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشقا ئالاقىدار سىياسەت ـ بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پار بىلەن تەمىنلەشتىكى بۇلغىما چىقىرىشنىڭ ئۆلچەمگە يېتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق، بۇ يىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇھىت قوغداش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلىدۇق. 2017 ـ يىلىدىن بۇيان، شىركەت پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق پار بىلەن تەمىنلەشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلىتىپ، زىيانلىق گازلارنى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىپ، ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك، تېغى تېخىمۇ يېشىل بولغان گۈزەل ئالتاي قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى» دېدى چېن ۋېيبىن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېن ۋېيبىننىڭ يېتەكچىلىكىدە، لەنتيەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئالتاي شەھىرىنىڭ شىمالىي رايونىنى مەركەزلەشتۈرۈپ پار بىلەن تەمىنلەشنى ئۆزگەرتىش ـ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، 1 ـ رايون پار قازان ئۆيىنى مۇھىت قوغداش بويىچە ئۆزگەرتىش تۈرىنى تاماملىدى. بۇنىڭدىن باشقا، شىمالىي رايوننىڭ پاكىز ئېنېرگىيە ئارقىلىق پار بىلەن تەمىنلەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى، جەنۇبىي رايوننىڭ ئىسسىقلىق مەنبەسى نۇقتىسىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش (توكلۇق پار قازان) پار بىلەن تەمىنلەش تۈرىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي ـ شىمالىي رايوندىكى 2 مىليون 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر دائىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۆمۈرسىز، پاكىز پار بىلەن تەمىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«پۇقرالارنىڭ قەلبىدە بىر <تېرمومېتىر> بار. مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، بىر پار بىلەن تەمىنلىگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراپ، ئاممىنىڭ غېمىنى يەپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، خىزمەتنى ئىنچىكە ئىشلەپ، ياخشى ئىشنى پۇختا قىلىپ، ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلساملا، ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن ـ ئاخىر ئىللىقلىققا تولىدۇ» دېدى چېن ۋېيبىن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.