ئاپتورلار: گاۋ لىجۈەن، يەن يوۋسەي
تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كېچىلىك ئىقتىساد بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى مەنزىرە تاماشا قىلىش، مال سېتىۋېلىش، مەززىلىك تائاملارنى تېتىشقا جەلپ قىلدى.
بۇ يىل، گۇچۇڭ ناھىيەسى كېچىلىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىر تۈركۈم «كېچە بولماس شەھەر، كېچە بولماس مەنزىرە رايونى، كېچە بولماس يېزا-بازار، كېچە بولماس كوچا، كېچە بولماس دۇكان» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇكەممەل كېچىلىك ئىستېمال تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، تىيانشاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى بۇ مەرۋايىتنى «كېچە» بولغانسېرى شۇنچە گۈزەل قىلدى.
(ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: گۇچۇڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)