تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ «سىرداش شۇجى»سى

پۇربۇ:

پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ «سىرداش شۇجى»سى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

بۈگۈنكى كۈندە، ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ ئاڭگىلىگ بازىرى توسخورتو كەنتىدە، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پۇربۇ تىلغا ئېلىنسىلا، كەنت ئاھالىلىرى باش بارمىقىنى چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن كەنتتىكى كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى بىلەن، كەنتتە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، كەنت ئاھالىلىرى ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «سىرداش شۇجى» دەپ چاقىرىشىدۇ.

10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، توسخورتو كەنتىگە كىرگىنىمدە، كەنت پاكىز، رەتلىك بولۇپ، يوللىرى كەڭ، تەكشى ئىدى، دېھقانلارنىڭ ھويلا ـ ئارانلىرىدىكى كۆكتات، مېۋە ـ چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى دىماققا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، ئاھالىلەرنىڭ تۇرالغۇسىدىن ئۆزگەرتىلگەن دېھقانلار ئارامگاھلىرى ئۆزگىچە بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلغانىدى.

«بەختكە يارىشا پۇربۇ شۇجى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ياردىمىدە، مەن ئۆيۈمنى دېھقانلار ئارامگاھىغا ئۆزگەرتتىم، ساياھەتچىلەرنى ياتاق، تاماق بىلەن كۈتۈۋالىمەن، يەنە تېخى سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ساتالايمەن، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، بىر كۈنلۈك تىجارەت سوممام 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ» دېدى كەنت ئاھالىسى ئېركىن كۈلۈپ تۇرۇپ.

پۇربۇ بۇ كەنتتىكى داڭلىق بېيىش ماھىرى. 2017 ـ يىلى، توسخورتو كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پېنسىيەگە چىققاندا، پۇربۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان.

«ئارشاڭ ناھىيەسى − ساياھەت ناھىيەسى، كەنتىمىز سايرام كۆلى مەنزىرە رايونىغا بېرىشتا جەزمەن ئۆتىدىغان يول ئۈستىگە جايلاشقان، ھەر قېتىم ساياھەتنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە نۇرغۇن ساياھەتچى كېلىدۇ. بىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلار ئارامگاھى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى پۇربۇ.

يېزا ـ كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاش بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش. پۇربۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 2018 ـ يىلى، كەنت 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئالتە كىلومېتىر تۇرۇبا تورى قۇرۇپ، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ 2019 ـ يىلى، 4600 مو يەرنى تېمىتىپ سۇغىرىشقا ئۆزگەرتىش تۈرىنى قولغا كەلتۈردى؛ 2020 ـ يىلى، پۈتۈن كەنتتە كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش تۈرىنى قانات يايدۇرۇپ، مەنزىرە دەرىخى ۋە مېۋىلىك دەرەخ تىكتى... كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاش ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئارقىلىق كەنت گۈزەللەشتى، ساياھەتچىلەر زىيارەت قىلىشنى، قونۇشنى تېخىمۇ خالايدىغان بولدى.

توسخورتو كەنتىدە 8000 مودىن ئارتۇق يەر بار، لېكىن ئۇزاقتىن بۇيان كەنت ئاھالىلىرى چارۋا بېقىشنى ئاساس قىلىپ كەلگەن بولۇپ، يېرىنىڭ ھەر موسىنى نەچچە ئون يۈەن باھادا ھۆددىگە بېرىۋەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە توختامنى 20 ـ 10 يىللىق قىلىپ تۈزگەچكە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكەن.

پۇربۇ ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، تۈرنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، پۈتۈن كەنتتىكى يەرلەرنى بىرلەشتۈردى. 2019 ـ يىلى، ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ئارقىلىق، ھەر مو يەر 710 يۈەنلىك باھا بىلەن قايتىدىن ئوبوروت قىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ئاشتى.

چارۋىچىلىق توسخورتو كەنتىنىڭ ئەنئەنىۋى كەسپى، لېكىن يەرلىك كالىنىڭ سۈتى ئاز ۋە گۆش مىقدارى كۆپ بولمىغاچقا، كەنت ئاھالىلىرى ھېچقانچە پۇل تاپالمايتتى. پۇربۇ كۆپ قېتىم كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ سىرتقا تەكشۈرۈشكە چىقىپ، ئىلغار باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەشكىللەپ، چارۋا نەسلىنى يەنىمۇ ياخشىلىدى. ھازىرغا قەدەر، بۇ كەنت جەمئىي 5000دىن ئارتۇق كالا، 15 مىڭ قوي، 2000 ئات باقتى، چارۋىچىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىشىدىكى مۇھىم كەسىپكە ئايلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، توسخورتو كەنتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىدا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، پۇربۇمۇ تەشكىل ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، مەملىكەت بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى... قاتارلىق شان ـ شەرەپلىرى ئالدىدا پۇربۇ مۇنداق دېدى: «ئامما ئۈچۈن كۆپرەك پايدىلىق ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى. مەن كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش ئۈچۈن كۆپرەك يول ئاچىمەن، قېتىرقىنىپ ئويلىنىپ ئامال تاپىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.