تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى

پەرھات غۇلام:

ھەرىكىتى ئارقىلىق بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى دۇ جيەنخۇي

10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بۈگۈر ناھىيەسى يېڭسار بازارلىق ساقچىخانا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ «مىكرو پارتىيە دەرسى»دە، كاندىدات پارتىيە ئەزاسى ئۆركەش ئەلى نەزەرىيە ئۆگىنىشنىڭ چاقىرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ئىلغار ئىش ئىزلاردىن ئۆگىنىپ، تىرىشىپ لاياقەتلىك پارتىيە ئەزاسى بولۇش»نى باش تېما قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئۆگەندى، مۇھاكىمە قىلدى.

«خەلق ساقچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەت بىلەن ئۆزىمىزنى قوراللاندۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن ئۆزىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق ھەرىكىتىمىزگە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.» بۈگۈر ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، قوشۇمچە يېڭسار بازارلىق ساقچىخانا پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پەرھات غۇلام ئۆركەش ئەلىنىڭ سۆزىگە يۇقىرىقىدەك باھا بەردى.

سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىقتىدارى يۇقىرى، كۈچلۈك خەلق ساقچىلىرى قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش ئۈچۈن، پەرھات غۇلام ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ياچېيكىسى خىزمىتى قائىدىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، تۈرلۈك تۈزۈمدىن 14نى تاكامۇللاشتۇردى؛ ھەر ھەپتىدە «مىكرو پارتىيە دەرسى» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەرقايسى كەسپىي ئەترەتلەردە پارتىيە گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، پارتىيەلىك تايانچلارنى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى قىلىپ، خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئىشلىرى بىلەن كەسىپنى زىچ بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يېڭىلىق يارىتىلغان خىزمەت ئۇسۇلى بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدا كېڭەيتىلدى ۋە قوللىنىلدى.

«مەن بىر خەلق ساقچىسى، ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق ئەھۋالدا جەزمەن خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايمەن. مەن بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى، ھەرقانداق ۋاقىتتا جەزمەن سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىشىم كېرەك.» بۇ، بۈگۈر جامائەت خەۋپسىزلىكى سېپىدىكى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئورتاق تونۇشى بولۇپ، بۇنىڭدا پەرھات غۇلام تېخىمۇ ياخشى ئۈلگە بولدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، پەرھات غۇلام جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلىپ، گۇمانلىق ئاپتوموبىللارنى توسۇپ، 20 نەچچە قېتىم يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت قېتىم ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالغان. ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقاندا، ئۇ: «زىممەمدە باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم بار!» دېگەن.

جىنايەتچى ئۇنسۇرلار بىلەن ئېلىشقاندا، پەرھات غۇلام قەيسەر ئەزىمەت؛ ئاممىغا مۇئامىلە قىلغاندا، ئۇ تۇغقانلاردەك مېھرىبان.

2015 ـ يىلى 8 ـ ئايدا، پەرھات غۇلام يېڭسار بازىرى چىگە بۇلاق كەنتىدىكى ئۆمەرجان ئابلەتنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن چېكىنمەكچى بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆمەرجان ئابلەتنىڭ تۇرمۇش پۇلىنى تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنگە قەدەر ئۈستىگە ئالغان.

بۇ يىل 6 ـ ئايدا، ئۆمەرجان ئابلەت ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتىغا قايتىپ، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ساقچى بولدى. بەزىلەر ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن ساقچى بولغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «مېنىڭمۇ پەرھات تاغامغا ئوخشاش ياخشى ساقچى بولغۇم بار» دەپ جاۋاب بەردى.

2016 ـ يىلى 11 ـ ئايدا، يېڭسار بازىرىدىكى يىلىك ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاھالە تۇردىخان ئىبرايىمنىڭ داۋالانغۇدەك پۇلى يوقلۇقىنى بىلگەندىن كېيىن، پەرھات غۇلام دەرھال ئىدارە پارتكومىغا دوكلات قىلىپ، يېڭسار بازارلىق ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنى تەشكىللەپ، 13 مىڭ 600 يۈەن ئىئانە قىلدى، ئۇ ئۆزى باشلامچىلىق بىلەن 5000 يۈەن ئىئانە قىلدى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، پەرھات غۇلام ئالتە ئوقۇغۇچىنىڭ داۋاملىق ئوقۇشىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ، ئاممىنىڭ 60تىن ئارتۇق قىيىن ئىشىنى ھەل قىلدى، ئاممىغا 190دىن ئارتۇق ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى. پەرھات غۇلام دائىم مۇنداق دەيدۇ: «ئاممىنى تۇغقىنىمىزدەك كۆرسەكلا، ياخشى قىلغىلى بولمايدىغان خىزمەت يوق، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئىشمۇ يوق».

ساقچى بولغان 29 يىلدىن بۇيان، پەرھات غۇلام بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ بىر قېتىم شەخسلەر بويىچە 2 ـ دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، ئۈچ قېتىم شەخسلەر بويىچە 3 ـ دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، بۇ يىل شەرەپ بىلەن «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.